تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى 11 ئايدا قورغاس پورتىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى، سودا قىممىتى قوش ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قورغاس تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى 11 ئايدا قورغاس پورتىدىن ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 36 مىليون 945 مىڭ توننا، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا قىممىتى 271 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5، %5.8 ئاشقان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، قورغاس پورتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەكلىك ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتىسى بولۇش رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. بۇ پورتنىڭ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى بىلەن سودا سوممىسىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىشى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى بىۋاسىتە ئىسپاتلىدى. 11 - ئاي بىر ئايدىلا، قورغاس پورتىنىڭ ئىمپورت سودا قىممىتى 10 مىليارد 680 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.5 ئاشتى؛ ئېكسپورت سودا قىممىتى 16 مىليارد 830 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئاشتى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى 11 ئايدا، قورغاس پورتىنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورتى ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك مىقدارى 7 مىليون 129 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشقان، تۆمۈريول تىرانسپورتى ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 160 مىليارد 830 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ تاشيول تىرانسپورتى ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك مىقدارى 780 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77.8 ئاشقان، تاشيول تىرانسپورتى ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 35 مىليارد 790 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.7 ئاشقان.

يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پورتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغاندىن كېيىن، تۆمۈريول، تاشيول يۈك تىرانسپورت مىقدارىدا بىردەك ئېشىش ھالىتى نامايان بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە تاشيولدىكى ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تاۋار قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، قورغاس پورتىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، پىششىقلانمىغان مىس ھەم مىس ماتېرىياللار، مېتال قېزىلمىسى ھەم رۇدا قاتارلىق ماللارنى ئاساس قىلغان، ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلار ئاساسلىقى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلات، توقۇمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان يىپ قاتارلىقلار بولغان.

پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قورغاس تاموژنىسى پورتتا «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، تالوننى ئازايتىپ، ۋاقىت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، پورتنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىدى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىز سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ قاترىتىپ، كارخانىلارنى ئاز قاترىتىپ، پورتنىڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يارىتىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.» ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قورغاس تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ما لېي مۇنداق دېدى: تاموژنا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش كەسپىنى توردا بېجىرىش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، توردا كارخانىلارنى مال تىزىملىكى ھەم تالونلارنى مۇۋاپىق، قېلىپلاشتۇرۇپ بېجىرىشكە يېتەكلەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاموژنا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.