تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولايلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپىسى. كېلەر يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجادىي ياخشى تۇتۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو ئىقتىسادى بىر غايەت زور پاراخوت، ھەجىمى قانچە چوڭ بولغانسېرى، دولقۇن قانچە چوڭ بولغانسېرى، رولچى بولۇپ يول باشلاش شۇنچە مۇھىم. ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەنلىكىگە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشقا يېتەكلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار تامامەن توغرا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشتا پىشقان ئىقتىدارغا ئىگە، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە يول باشلايدىغان يۈكسەك ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە. ھازىر دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنلەش زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ قات بېسىم يەنىلا بىرقەدەر زور. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئويلايدىغان، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا دائىر نىشان - ۋەزىپە ۋە چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلار ئىلمىي پىلانلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىلى مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش تەكىتلەندى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتا جەزمەن ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىش، جەزمەن سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىش، ئىلمىي پىلانلاش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق، خىرىس ناھايىتى كۆپ، ئىقتىساد خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، چىگىش بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى كەسپىي ئىقتىدارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ. سىستېما قارىشى، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق كۆزلىمىنى ياخشىلاش، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، مۇھىم، زور ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەمەلىيەتنى تۈرلۈك سىياسەت ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشتىكى ئۆلچەم قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ تەدبىر يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى ۋە تۈجۈپىلىك بولۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. سىياسىي ساپا ۋە كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، نېمە ئىش قىلسا شۇنى ئۆگىنىپ، نېمە كەمچىل بولسا شۇنى تولۇقلاپ، ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپكە پىششىق، كەسىپ ئەھلى رەھبەرلەردىن بولۇش كېرەك.

يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايان قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايان قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى تەڭ يېيىش، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايان قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، چىن دىلى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇللاردا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى قوللىنىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. جاۋابكارلىقنى ئىلمىي، دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كادىرلارنى دادىل نەتىجە يارىتىش، يەرلىكنى دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كارخانىلارنى دادىل ئىشلەش، ئاممىنى دادىل ئىجاد قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىدىغان روھىي ھالەت ۋە «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشىمىز، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.