تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش

− پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرىغا نەزەر (2)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش شەرت» «خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش» «ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر»... پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «خەلق» دېگەن بۇ سۆز 170 قېتىمدىن كۆپرەك تىلغا ئېلىندى.

جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، بۇ، «ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش»نىڭ يۈكسەك مەنزىلى، بۇ، «خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق»تەك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق.

ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش − ئۆزگەرمەس خىسلەت

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنىڭ پارتىيەسى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە» − 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىمالىي شەنشىگە باردى، يەنئەننىڭ ئەنسەي رايونى گاۋچياۋ بازىرى نەنگۇ كەنتىدە باش شۇجى يۇرتداشلار ئالدىدا چوڭقۇر ھېسسىياتلىق سۆزلەرنى قىلدى.

شى جىنپىڭ يەنئەندە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە تۇرغان ۋاقتىدا، بىر پارچە ماقالىنى قايتا - قايتا كۆردى، قايتا - قايتا ئوقۇدى. بۇ، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن ماقالە ئىدى. ماقالىدە مۇنداق يېزىلغانىدى: «بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز پۈتۈنلەي خەلقنى ئازاد قىلىشنى كۆزلەيدۇ، پۈتۈنلەي خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ».

دەل يەنئەندە، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيىدا «جان - دىل بىلەن جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىغا ئىگە بولۇش» تۇنجى قېتىم پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى بولغان «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» كېيىن جۇڭنەنخەينىڭ شىنخۇا دەرۋازىسى ئىچىدىكى دالدا تامغا نەقىشلەندى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «خەلقچىللىق − ماركسىزمنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى» «خەلققە بەخت يارىتىش − ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى»...

يېرىم يوتقان ھېكايىسى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاتايىن شۈ جيېشيۇنىڭ نەۋرىسى جۇ شياۋخۇڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنى يوقلىدى. يىپيېڭى ئۈچ قەۋەتلىك كىچىك بىنادا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ئۇلار ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە پاراڭلاشتى.

«ئىلگىرى قىزىل ئارمىيە بىزگە يېرىم يوتقان بەرگەنىدى، ھازىر پارتىيە بىزگە بەختلىك كۈنلەرنى ئېلىپ كەلدى.» جۇ شياۋخۇڭنىڭ ئاددىي - ساددا سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

«كوممۇنىستلار ئۆزىنىڭ بىر يوتقىنى بولسا يېرىمىنى پۇقرالارغا كېسىپ بېرىدۇ... دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، پۇقرالار كوممۇنىستىك پارتىيەنى ئۆزىنىڭ پارتىيەسى، پۇقرالارنىڭ پارتىيەسى دەپ قارايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كوممۇنىستلارنىڭ بوران - چاپقۇنغا تولغان يولىنى قايتا - قايتا بويلاپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئىزدىدى −

2017 - يىلى 12 - ئايدا، خۇەيخەي جېڭى خاتىرە سارىيىدا «قول ھارۋىسىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە»نى ئەسلەپ ئۆتتى؛ 2021 - يىلى 9 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سۈيدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ كونا ئورنىدا «ھەقىقىي تۈردە پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇش»نى ئەسلەپ ئۆتتى؛ 2022 - يىلى 8 - ئايدا، لياۋشېن جېڭى خاتىرە سارىيىدا «بۇنداق ئالمىنى بىز ھازىرمۇ يېسەك بولمايدۇ» دەپ ئۇلۇغ - كىچىك تىندى...

«ھەممىدە ئالدىغا قاراپ ماڭساقمۇ، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراققا ماڭساقمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارساقمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان سۆزلىرى «مەن كىم، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن» دېگەن تېمىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش − خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن

«سىلەرنى يوقلىغىلى، مۇڭداشقىلى كەلدىم.» 2022 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشى دۇەنسۈن كەنتىدىكى سەي ۋېنمىڭنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

«قوي بېقىشنىڭ پايدىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ» «قوي باققاندىن باشقا، يەنە نېمە تېرىيسىلەر؟» باش شۇجى بىلەن لاۋسەي بىر ئائىلە كىشىلىرى مېھمانخانىدا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، كىرىم - چىقىم ھېساباتىنى بىر - بىرلەپ قىلدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىردىنبىر تاللىشى خەلق ئاممىسىغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، مۇلازىمەت قىلىش.» باش شۇجىنىڭ سۆزى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى.

10 يىل ئىلگىرى، يەنى قەھرىتان قىش مەزگىلىدە، باش شۇجى بولغىنىغا ئۇزاق بولمىغان شى جىنپىڭ بوران - چاپقۇنغا قارىماي، تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى فۇپىڭغا كېلىپ «ھەقىقىي نامراتلىقنى كۆرۈپ»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىككى قېتىم قار كېچىپ، يول بويى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.

لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىدە ئاتاكىغا ئۆتۈش «نامراتلارنىڭ دۇنياسى» ئۈچۈن؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مەردانىلىك بىلەن قۇربان بېرىشى «بېيىشنى نامراتلىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان، ساغلاملىقنى كېسەللىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان» ئارزۇيىمىزدىكىدەك دۆلەتنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر... يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان، كوممۇنىستلارنىڭ «ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ» كۈرەش قىلىشى ۋە قۇربان بېرىشىنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن بولدى.

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» 2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بىلەنلا، مانا مۇشۇنداق سەمىمىي، ئاددىي سۆزلەر ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى «جاۋاب قەغىزى»نى يېزىشنى باشلىدى.

خەلقنىڭ غېمى جەزمەن بىزنىڭ غېمىمىز؛ خەلقنىڭ ئارزۇسى جەزمەن بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز.

10 يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلق ئارزۇسىنى قوبۇل قىلدى، پەقەت «خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاش، يىلدىن - يىلغا ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش» ئۈچۈن شۇنداق قىلدى.

بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان سۆزى − «مەن <ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش>تەك ھالەتنى ساقلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزۈمنى بېغىشلاشنى خالايمەن».

كېسەل ئازابىغا قارىماي، تاغلىق رايوندىكى قىزلارنىڭ بىلىم ئېلىش يولىنى يورۇتقان جاڭ گۇيمېي، «تەدرىجىي قېتىشىۋاتقان بەدىنى»نى سۆرەپ، يۇقۇم ئالۋاستىسىغا قارشى كۈرەش قىلغان «خەلق قەھرىمانى» جاڭ دىڭيۈ، دەل ياشلىق باھارىدا تۇرغاندا، ھاياتى نامراتلارنى يۆلەش يولىدا توختاپ قالغان كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى خۇاڭ ۋېنشيۇ...

«ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلىگەن» ھەربىرەيلەن سان - ساناقسىز جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرسىمۇ پۇشايمان قىلماي، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نىڭ قالتىس جاۋاب قەغىزىنى پۈتتى.

كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 78.2 ياشقا يەتتى؛ ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 16 مىڭ 500 يۈەندىن 35 مىڭ 100 يۈەنگە ئاشتى؛ شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون كىشىدىن ئارتۇق بولدى؛ دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلدى، مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش سەۋىيەسىدە تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 40 مىليون كىشىنى قاپلىدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95نى مۇقىم ساقلىدى... پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بىر مول نەتىجە قەغىزى تىزىپ چىقىلدى.

پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايى تۇتاشتى، دۆلەت سىياسىتى بىلەن خەلق ئارزۇسى ئورتاقلىققا ئىگە بولدى. خارۋارد داشۆسى كېننېدى شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگودا ئۇدا ئون يىل قانات يايدۇرغان خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى يىلمۇيىل %90تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىغان.

«دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەخت خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر.» بۇ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان كۈچ مەنبەسى، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمدا تۈۋرۈكتەك مەزمۇت تۇرىدىغان ئېتىقاد ئاساسى.

ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش − كۈچ مەنبەسى

ھەيۋەتلىك باۋتاشەن تېغى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يەنخې دەرياسى. ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەن بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشكە قاراپ مېڭىشى، سان - ساناقسىز جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈشتىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا قاراپ مېڭىشىغا گۇۋاھ بولدى. نۇرغۇن كىشى بۇ مېھىرلىك تۇپراققا زىيارەتكە كېلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل» ئىكەنلىكىنىڭ شىفىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

جاۋاب خۇددى بۇ سېرىق تۇپراققا ئوخشاش ئاددىي - ساددا −

ئىلگىرى، «قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى يورۇتتى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئېدگار. سىنوۋ تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق ئېيتقانىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەمىشە زور كۆپ قىسىم خەلق ئاممىسى ئارىسىدىن كۈچ قوبۇل قىلالايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، 100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيە بۇنىڭدا ئىلگىرىكىدەكلا چىڭ تۇردى − «ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، مەيلى بوران - چاپقۇن بولسۇن ياكى دەھشەتلىك دولقۇن بولسۇن، خەلق مەڭگۈ بىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىمىز، ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچىمىز».

ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش قۇدرەتلىك يادرو كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

14 ياشلىق بىر قىزنىڭ قانچىلىك كۈچى بولىدۇ؟

1949 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭى باشلاندى. گومىنداڭ ئارمىيەسى 20 مىڭدىن ئارتۇق كېمىچىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئازادلىق ئارمىيەنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. يېشى ئەڭ كىچىك كېمىچى بولسا 14 ياشلىق ما ماۋجيې ئىدى.

تارىخ بۇ خىل كۈچنى ئېنىق خاتىرىلىدى − ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا، دەل سانسىزلىغان «ما ماۋجيې»لەرنىڭ تاللىشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتتى.

گېڭزى يىلىدا، يۇقۇم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، مىليونلىغان خەلق ئاممىسى ئاڭلىق ھالدا ئۆيىدە تۇرۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالدى - تىزگىنلىدى، سانسىزلىغان مەھەللە خىزمەتچىسى كېچە - كۈندۈز نۆۋەتچىلىك قىلدى، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان پىدائىي ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىدى... «بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، بىزگە كۈچ - قۇدرەت ۋە ئىشەنچ بېغىشلىغىنى جۇڭگو خەلقى».

خۇەيخەي جېڭىنىڭ غەلىبىسى پۇقرالارنىڭ غالتەكلىك ھارۋىلىرىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭىنىڭ غەلىبىسى پۇقرالارنىڭ كىچىك كېمىلىرىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ غەلىبىسى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ يارىتىشىدىن كەلگەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: «يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن!»

ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش چەكسىز ئىجادچانلىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى تېزلەتتى.

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنىگىچە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.

بۇ، پارتىيەمىز تارىخىدا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا تۇنجى قېتىم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا پىكىر ئېلىش ھېسابلىنىدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ پائال قاتنىشىشى بىلەن، پائالىيەت مەزگىلىدە توپلانغان تۈرلۈك پىكىر - تەكلىپ، قالدۇرۇلغان سۆز جەمئىي 8 مىليون 542 مىڭ پارچىدىن، 290 مىليون خەتتىن ئاشتى.

قانداق قىلىپ تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقالىدۇق؟ يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى يەنئەندىكى گەمىدە بىر جاۋابنى بەرگەن، بۇ دەل خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، بۇ دەل پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى.

زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ئىككى جاۋاب 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەردى −

چۈنكى «ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق»، شۇڭا سەمىمىي بولۇپ، خەلقنىڭ نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ؛ چۈنكى «ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق»، شۇڭا جاسارىتى ۋە ئىشەنچى بار، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشقا، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.

«بۇ مۇساپىدە بىز خەلققە زىچ تايىنىپ ئارقا - ئارقىدىن تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلگەن جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردۇق. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىز يەنىلا خەلققە تايىنىپ يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىمىز».

يېڭى مۇساپىدە، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مۇقەررەركى يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يېزىپ چىقىدۇ.

(مۇخبىرلار جۇ جىچەي، شى يۈسېن، رېن چىنچىن، جاڭ يەن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.