تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كۆپەيتىش

− ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقىش نەتىجىسى مول بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، گو لىڭ

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقىپ، بىر قاتار ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

يول بويى ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇش، نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇش، نىشانلىق كېڭىشىش ... بۇ قېتىمقى «چەت ئەلگە چىقىش»تا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يېڭى ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، يېڭى زاكازلارنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كۆپەيتتى.

يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىش زىچ قانات يايدۇرۇلدى

يىل ئاخىرى ھەرقايسى جايلار، ھەر قايسى تارماقلار ۋە كەڭ بازار سۇبيېكتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنتايىن مۇھىم ۋاقىت كۆزنىكى ھېسابلىنىدۇ. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جىددىي ئىستىكى.

بىر ھەپتە ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا، ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدەندى.

− قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتىكى ئىقتىساد - سودا، قاتناش، ئېنېرگىيە، دىپلوماتىيە، مالىيە، تاموژنا، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى قاتارلىق جەمئىي 18 تارماق، قوشنا ئىككى ۋىلايەت، ئوبلاست ھۆكۈمەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى؛

− قازاقىستان تاشقى سودا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، ئاتامېكىن دۆلەت كارخانىچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپ تەشكىلاتلىرى ۋە تۆمۈريول تېز تىرانسپورتى بويىچە 70تىن ئارتۇق كارخانا بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى؛

− بىر مەيدان مۇنبەر، بىر مەيدان جۇڭگو شىنجاڭ − قازاقىستان ئىقتىساد - سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

«بۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرى، كارخانىلىرى بىلەن يۈزتۇرا كېڭىشىشىمىز بولۇپ، ئۆزئارا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: «يول بويى بارغانلىكى جايدا، بەزىلىرى ئىقتىساد باغچە رايونى، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى، بەزىلىرى يەرلىك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى تەييارلىدى، بەزىلىرى كېلەر يىلى يەرلىكلەر ئارا ھۆكۈمەت يىغىنى ئېچىش تەكلىپى بەردى... بۇ، بىر قېتىملىق قوش يۆنىلىشلىك ئاتلانغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالغان <زىيارەتكە چىقىش> بولدى، كۆپچىلىك چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى».

سودىدا يۈزتۇرا سۆزلىشىش، ھەمكارلىقتا يۈزتۇرا سۆزلىشىش كېرەك. قىزغىن كەيپىياتنىڭ ئىقتىساد - سودىدىكى مۇھىملىقىنى دېمىسەكمۇ ھەممىگە ئايان.

شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پەرھات مەمتىمىن بۇ قېتىم چەت ئەلگە چىققاندا ھەر كۈنى نۇرغۇن يېڭى خېرىدارنىڭ نام كارتىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. «ھەربىر يېڭى نام كارتىسى بىزگە يېڭى ئىشەنچ بېغىشلىدى» دېدى ئۇ.

زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، جۇڭتەي گۇرۇھى قازاقىستان مېيكائاكاتې چەكلىك شىركىتى بىلەن سوممىسى 70 مىليون يۈەنلىك 10 مىڭ توننا PVC سېتىۋېلىش توختامىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىمزالىدى، يەنە قازاقىستاندىكى PVC، ياپىلاق ئىشقار ۋە باشقا مەھسۇلات بازارلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى بازاردا سېتىشقا ياخشى ئاساس سالدى.

«ئۇچرىشىش، كېڭىشىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىز ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە يۈزلىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق.» پەرھات مەمتىمىن مۇنداق دېدى: جۇڭتەي گۇرۇھى بۇ قېتىمقى زىيارەتكە چىقىشنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى «ئوراپ قاچىلاپ» تەشۋىق قىلىپ، كېلەر يىللىق تاشقى سودىدىكى «تۇنجى ئىش»نى غەلىبىلىك باشلاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

كۆپ ساھەدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىي ھەمكارلىق ھاسىل قىلىندى

«جۇڭگو قازاقىستان بىلەن قويۇق سىياسىي مۇناسىۋەت ئورنىتىپلا قالماي، سودا، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت، مائارىپ، تېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىمۇ پائال تەرەققىي قىلدۇردى، بولۇپمۇ سانائەت ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.» 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ − قازاقىستان ئىقتىساد - سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، قازاقىستان مەبلەغ سېلىش دۆلەت پاي شىركىتىنىڭ جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى دىرېكتورى بايجېنوف بېلىكوۋىچنىڭ سۆزى ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىق تەرەققىياتىنىڭ كەڭ بوشلۇقىنى يىغىنچاقلىدى.

جۇڭگو شىنجاڭ قازاقىستاننىڭ يېقىن قوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇ قېتىمقى زىيارەتكە چىقىشتا، ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى نىشانلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىز 12 كارخانىنىڭ يەتتە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈمتۈرلەرنى شەكىللەندۈردۇق، بۇ تۈرلەر ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق خاس ئەۋزەل ساھەلەرگە چېتىلىدۇ» دېدى جۇ يۇڭ.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئۆمەك بىلەن ئۈچ دۆلەتكە زىيارەتكە چىقىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«قازاقىستاندا، بىز ھاسىلىي ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار تۈرلەرنى ئېچىشقا تۈرتكە بولدۇق ھەم ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق؛ تاجىكىستان − ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەنئەنىۋى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بازىرى، ۋەكىللەر ئۆمىكى كارخانىنىڭ شۇ جايدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، چەت ئەلدىكى تىجارىتىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولدى.» ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى خەلقئارا بازىرىنىڭ باش دىرېكتورى خۇ نەن مۇنداق دېدى: «قىرغىزىستاندا، بىز شۇ جايدىكى ئىقتىساد - سودا تارماقلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۇ ئېلېكتىر تۈرىدە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدۇق».

زىيارەتكە چىقىش نەتىجىلىرى تۈر ھەمكارلىقى جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالمىدى.

«ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئۈچ دۆلەت بىلەن پورت ئەسلىھەلىرىنىڭ <قاتتىق دېتال> جەھەتتىكى تۇتاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بويىچە <يۇمشاق دېتال> جەھەتتىكى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى پورت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى گاۋ چيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك تەدبىر قوللىنىپ، پورتنىڭ يۈك تىرانسپورت مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرىنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى «يېشىل يولى» بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا پائال ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، جۇڭگو - قىرغىزىستان بەدەل پورتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، جۇڭگو - تاجىكىستان يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىش قاتارلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە دائىر بىر قاتار خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

گاۋ چيۇڭ مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتراپتىكى ئۈچ دۆلەت بىلەن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتىنى قولايلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پورتلىرىنى مەركىزىي تۈگۈن قىلغان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن غەربىي ئاسىيا، ياۋروپاغىچە تۇتاشقان خەلقئارا قۇرۇقلۇق يولى چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئالدىنقى سېپىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

دائىملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى

«ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھۆكۈمەت تارماقلىرى يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچىنى چىڭىتتى».

«يۇقۇمدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق زىيارەتكە چىقىشتا نەتىجە مول بولدى، بۇ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

...

چەت ئەلگە چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەسسىلەپ روھلاندى، «ئىشەنچ» ئۇلار ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان سۆز بولدى.

«بۇ قېتىمقى زىيارەتكە چىقىشنىڭ نەتىجىسى ھەم شەكىللىك، ھەم شەكىلسىز بولدى.» خۇددى جۇ يۇڭ ئېيتقاندەك، كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىغا چىقىپ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە ئىقتىساد - سودا سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدىغان ئاكتىپ سىگنال ئېنىقكى، كەڭ كارخانىلارنىڭ «يەلكەننى قايتا چىقىرىش» جاسارىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

«كارخانىلار ھەم <چەت ئەلگە چىقىپ سودىگەر چاقىردى، چەت ئەلگە چىقىپ ئەقىل - پاراسەت كىرگۈزدى، چەت ئەلگە چىقىپ كېلىشىم ئىمزالىدى، چەت ئەلگە چىقىپ پىكىر ئالماشتۇردى>، يەنە بۇنىڭدىن كېيىن چەتئەلگە چىقىدىغان كارخانىلارغا تەجرىبە ئېلىپ كېلىپ، <جەڭگىۋارلىق>ىغا ئىلھام بەردى.» شىنجاڭ لۇڭچېڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ خۇي مۇنداق دېدى: گەرچە دۇنيا ئىقتىسادىدا ئېنىقسىز ئامىللار يەنىلا بىرقەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن تاشقى سودا كەسپىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتەك تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ قېتىمقى چەت ئەلگە چىقىش كارخانىلارغا پەقەت بالدۇر چىققاندىلا، تېز چىققاندىلا، كۆپ چىققاندىلا، ئاندىن تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇتتى.

جۇ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، ھاسىل قىلىنغان تۈر، كېلىشىملەرنى بىر - بىرلەپ رەتلەپ، تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنىڭ يول خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلىنى سىستېمىلىق پىلانلايمىز.

جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى قويۇق. زىيارەتكە چىقىش جەريانىدا، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، رايونلۇق، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن قوشنا رايون، ئوبلاستلار ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، كۆپ يوللۇق، كۆپ ساھەلىك ئادىمىيەت ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ كۈچلۈك ئارزۇسىنى بىلدۈردى.

«بىز جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستاننىڭ يەتتەسۇ ئوبلاستى قاتارلىق، قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل ئوبلاستى بىلەن دوستانە رايون، ئوبلاست مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى تېزدىن تاماملاپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، پەن - تېخنىكا، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان <قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكى>نى مۇستەھكەملەپ، دائىملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىمىز» دېدى گاۋ چيۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.