مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى
زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئاچقۇچ، پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى يېڭى يۆنىلىش قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، داۋاملىق مائارىپتا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، ماھىر ئۇستىلار، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
«پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە: ئۆلكە رايونى زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شەھەر رايونى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ساھەلەر بويىچە ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش يۇغۇرما ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
«پىكىر»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق خىزمەت: كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن رايون ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش يۇغۇرما ئەمەلىيەت مەركىزى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت.