تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىمىز

​− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە سۆزلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەر مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى كۆپچىلىكنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى، يىغىننىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، دادىللىق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىمىز.

يېقىندا، ئاپتونوم رايون قىشلىق ساياھەت سەرخىل لىنىيەسىدىن 12نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە 4 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، 50 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قار - مۇز ساياھىتى ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى. ھەرقايسى جايلار بۇنىڭغا بەس - بەستە ئاۋاز قوشۇپ، يۈرۈشلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى، يەنە 180 نەچچە تۈرلۈك قار - مۇز ساياھىتى بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۈيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بولۇپمۇ بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا قار - مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى دۇنياۋى قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز ساياھىتى مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىمىز. «نۆۋەتتە، بىز ساياھەت بازىرىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، قار - مۇز ساياھىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، <قار - مۇزلۇق>نى بايلىق قىلغان، پائالىيەت <ھەممە يەرنى قاپلىغان>، ساياھەتچىلەر <خۇشال - خۇرام ئوينايدىغان> ياخشى تەرەققىيات كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىۋاتىمىز» دېدى شۈ رۈيجۈن.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىقدار ئۆزگىرىشىنىڭ جۇغلىنىشى ئارقىلىق سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«يىغىن بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىمىزغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» شىنجاڭ بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چىن چۈەنجىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى چىڭ كۆزلەپ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى باشلامچى كارخانىلار ھەمدە ئۇنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنى ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى چۆرىدەپ، كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز. خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىمىز.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ما جيەنيۈن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى نەقلەشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار بىلەن بىر - بىرلەپ ئالاقىلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك توردا، تور سىرتىدا ئىش ئورنىنى ئېلان قىلىش ۋە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ زىچلىقىنى ساقلاپ، كۆپ يول، كۆپ شەكىل ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، رېن جياڭ، ۋاڭ يۇڭفېي، گاۋ فېڭ، لى لىن، چېن چياڭۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.