تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇقتىلىق تۈرلەرگە يىللىق مەبلەغ سېلىش نىشان - ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 275 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 33 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئېشىپ، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى %102 ئورۇندىلىپ، يىللىق مەبلەغ سېلىش نىشان - ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن تاماملانغان.

2022 - يىلى ئاپتونوم رايون جەمئىي 370 نۇقتىلىق تۈرنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 2 تىرىليون 170 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، 270 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان، بۇ، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە چېتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى ساھەلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، قاتناش جەھەتتە 63 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %102.5ىنى ئىگىلىدى؛ ئېنېرگىيە جەھەتتە 105 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %106.7ىنى ئىگىلىدى؛ كەسىپ جەھەتتە 31 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %129ىنى ئىگىلىدى.

ساھەلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، مەدەنىيەت - ساياھەت، تاشيول، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئىقتىساد - سودا، ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىر تورى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپتىن ئىبارەت توققۇز ساھەدىكى نۇقتىلىق تۈرلەر كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش نىسبىتى بىردەك %100تىن ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق مەبلەغ سېلىش نىشان - ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى.

2022 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرى ئىچىدە، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تەرەڭ دەرياسى ئويمانلىق سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى، ئاقسۇ - ئارال تۆمۈريولى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى، G315 لىنىيەسىدىكى يېتىمبۇلاق - چاقىلىق تاشيولى قاتارلىق 55 نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14 تۈر كۆپەيدى، بۇنىڭغا چېتىشلىق ئومۇمىي سېلىنما 309 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولدى.

ئاقچى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ - ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2 - لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇرۇش، G219 لىنىيەسىدىكى موڭغۇلكۈرە - ئونسۇ تاشيولى، شەرقىي جۇڭغار (گۇچۇڭ) ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق 105 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇنىڭغا چېتىشلىق ئومۇمىي سېلىنما 323 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16 تۈر كۆپىيىپ، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن 80 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

G0711 لىنىيەسىدىكى ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى تۈرى، ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە) قۇرۇلۇشى تۈرى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئېچىش قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەردە قۇرۇلۇش تېزلىتىلىپ، مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش نىسبىتى بىردەك %100تىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.