تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سۇچىلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر پەن تەتقىقات يۇرتى:​

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سۇچىلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قارلىغاچلىق يولىدا قار ئۇچقۇنلىرى توزۇپ تۇراتتى، شىنجاڭ سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر پەن تەتقىقات يۇرتى سۇ تىزگىنلەش، دەريا تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەجرىبە زالىدا، قاتار - قاتار مودېللار زىچ تىزىلغان بولۇپ، بەزىلىرى پۈتكەن، بەزىلىرى ياسىلىۋاتقانىدى. بۇلارنى ياساشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدى.

«بۇ ساقاقسىمان سۈزگۈچلۈك قۇم تىندۇرۇش كۆلچىكىنىڭ مودېلى دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تۈرىگە تەۋە بولۇپ، ساقاقسىمان ھالەتتە ئۈزلۈكسىز سۈزۈپ ئېقىمنى تۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنىپ، بۇ خىل قۇم تىندۇرۇش كۆلچىكىدىكى سۇ، قۇمنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى ۋە قۇم تازىلاش مېخانىزمى تەتقىق قىلىنىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش جەريانىدىكى قۇم تازىلاش ھالقىسىنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.» بۇ تەتقىقات يۇرتى سۇ تىزگىنلەش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ بىندې مۇنداق دېدى: «قۇم تازىلاش دەريا سۈيى تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسىغا كىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئېلىپ بېرىلىدىغان جەريان بولۇپ، كۆپ خىل ئۇسۇلى بار، ساقاقسىمان سۈزگۈچلۈك قۇم تىندۇرۇش كۆلچىكى قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك قۇم تازىلاش ئۇسۇلى ئىچىدە ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر كەڭ بولغان بىر خىل ئۇسۇل».

شىنجاڭ سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر پەن تەتقىقات يۇرتىدا، سىرتتىكى قەھرىتان سوغۇق بىلەن ئۆي ئىچىدىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تەتقىقات، تەجرىبە كۆرۈنۈشى روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگەنىدى. «بىز سۇچىلىق پەن تەتقىقات ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى ۋە تەتقىق قىلىنىۋاتقان دۆلەت ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرى خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇچىلىق پەن تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» دېدى تەتقىقات يۇرتى پەن تەتقىقات - ئىشلەپچىقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو جىن.

شىنجاڭ سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ ھەرقايسى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا، مۇخبىر بۇ يەردىكى تۈرلۈك پەن تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە قاراتمىلىقىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. مەسىلەن: «شورلۇق سۇ بىلەن تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان كېۋەزلىككە بىيو باكتېرىيە ئوغۇتىنى ئىشلىتىپ، تۇپراقتىكى مىكرو ئۆسۈش مۇھىت ئېففېكتى ھەم ئازوتنى ئازايتىپ، ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەندىزىسى» «كۆلەملەشكەن ئۆز بېسىملىق سۇغىرىش تۇرۇبا تورى ئارقىلىق بىخەتەر سۇ يەتكۈزۈش، تەقسىملەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى» «ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلىرى ھەم ئۇنىڭ قىرغاقلىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش يۈرۈشلۈك تېخنىكا تەتقىقاتى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھەلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە تەۋە.

«بىز ھازىر 2022 - يىللىق شىنجاڭ بويىچە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ ئۈنۈملۈك كوئېففىتسېنتىنى ھېسابلاش، تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارغا ياردەملىشىپ سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ كوئېففىتسېنتىنى ھېسابلاش، نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ياردەملىشىپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق دەريا، كۆللەرنىڭ ئاساسىي ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارى (ئېقىم مىقدارى) نىشانىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى گو جىن.

شىنجاڭ سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر پەن تەتقىقات يۇرتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جياڭخۇي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى دەۋردىكى سۇچىلىق پەن تەتقىقات ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئىگىلەپ، دۆلەت ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پەن تەتقىقات مەخسۇس تۈرلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، نۇقتىلىق پەن تەتقىقات خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا، كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

«تەتقىقات يۇرتىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق تەقسىملەشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، زامانىۋى سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، تېما تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ئاچقۇچلۇق سۇچىلىق پەن تەتقىقاتىدىكى يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «14 - بەش يىل»دىكى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرى ھەم سۇچىلىق پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى قاتارلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، سۇچىلىق پەن تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولىمىز» دېدى جاڭ جياڭخۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.