− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ يىل ئاخىرىدىكى تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىشى، كېلەر يىللىق يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پىلانلىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىقتىساد ساھەسىدىكى زاتلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.
ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، بازار يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قازىمىز
ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇش ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تۈپ مەۋقەسى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن ۋېيدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر ۋىلايىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قەشقەردە 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرى توپلاشقان رايوننى نۇقتىلىق قۇرۇپ، قەشقەر خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ باشلامچىلىق، موتورلۇق رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پورت ئىقتىسادى، تاشقى سودا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، قەشقەرنى غەربكە يۈزلەنگەن ئېكسپورت ـ پىششىقلاش بازىسى، تاۋارلارنى ئوتتۇرا يولدا يىغىش ـ تارقىتىش ئورنى ھەم ئېنېرگىيە ۋە كەم ئۇچرايدىغان قېزىلما بايلىقلارنى ئىمپورت قىلىدىغان خەلقئارا چوڭ يولغا ئايلاندۇرىدۇ.
«بۇ يىلدىن بۇيان، شايار ناھىيەسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، 123 خەلق ئىچى كاپىتالىنى كۈتۈنۈش ساياھىتى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق ساھەلەردىكى 114 مۇھىم، زور تۈرگە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە 56 مىليارد يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى، پۈتۈن ناھىيە ئىقتىسادىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.» شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەن ۋەنفېڭ مۇنداق دېدى: «بىز مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، <بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخىمۇ ئېتىبار بېرىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئىچى كاپىتالىنى شايارغا توپلىنىشقا جەلپ قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىمىز».
مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز
كەسىپ ئىقتىسادنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ ئۇلى، بايلىقنىڭ مەنبەسى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى چېڭ سۇڭلىن مۇنداق بىلدۈردى: بايىنغولىن ئوبلاستى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى، بايلىق چارلاش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەش ئارقىلىق ئۆز جايىنىڭ قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق قويۇپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە، دۆلەت تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لوپنۇر كالىيلىق تۇز قالدۇق رۇدىسىدىن پايدىلىنىش تۈرى پائال ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ كارخانىلار كىرگۈزۈلۈپ، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ قېزىلما بايلىقىغا تايىنىپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا لىتىيلىق ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيەسى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەردە تۆۋەن ئېقىن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، قېزىلما بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئېچىش تۈرىگە جەمئىي 10 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ھەم كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، قومۇل شەھىرى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىگە جەمئىي 120 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى، مەھسۇلات قىممىتى 40 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇ، 12 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كۆمۈرنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنىڭ %70تىن ئېشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.» قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاڭ جىمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كۆمۈردىن ماي ـ گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسى، يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قومۇلنىڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە ۋە خىمىيە سانائىتى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».
ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەقەم تېخنىكىسى قاراماي شەھىرىنىڭ نېفىت، نېفىت خىمىيە، ئاقىل شەھەر، ساياھەت، ئەشيا ئوبوروتى ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى غايەت زور ئېنېرگىيە ۋە تولۇق كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. قاراماي شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ چى مۇنداق بىلدۈردى: قاراماي شەھىرى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، قاراماينى بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە، «بىر بەلباغ، بىر يول» غا تەسىر كۆرسىتىدىغان رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.
بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىمىز
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە تەۋرەنمەي رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش ۋە يېتەكلەشنى كۆرسىتىدۇ.
«مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى، غەيرىتىم تېخىمۇ ئاشتى.» خوتەن تيەنۋاڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن جيەنلىن مۇنداق دېدى: چىگىتلىك پاختا سېتىۋېلىش ۋە پىششىقلاش، ساپ پاختا توقۇلما بۇيۇملىرىنى لايىھەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زامانىۋى پۇقراۋى پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىركىتىمىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ھۈنەر ـ سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ساۋەن شەھىرى خوڭيې كۆمۈر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زاۋۇت بىناسىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. شىركەت كۆمۈر كېنىنىڭ مۇئاۋىن كان باشلىقى جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش تەلىپىنى تۈزۈم ۋە قانۇن جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا سىياسەت ۋە ئاممىۋى پىكىر جەھەتتىن ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ شىركىتىمىزدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننى چەكسىز روھلاندۇردى، ئىلھاملاندۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن دىققەتنى كۆمۈرچىلىك ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جابدۇقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىركىتىمىزنى تىرىشىپ زورايتىمىز، كۈچەيتىمىز».
«مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى شىركىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز مەۋقەنى ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزگە قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى يىرىك پىلانىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز» دېدى شىنجاڭ لىشىن ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۈي چياڭ.
(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، بارشا تېگېس، دۇ جيەنخۇي، ۋېي يۇڭگۇي، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ يۈيەن، لوۋ لىنيى، جياۋ زۇچىڭ)