ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى
ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 12 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويۇش پىكرى (2022 ـ يىلىدىن 2024 ـ يىلىغىچە)» «ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا زاپىسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىرى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى، مۇھىم، زور تەدبىرى ۋە مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات خىزمىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرىكىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى يەنىمۇ توغرا تېپىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇللۇق ۋە مۇھىم، زور يېتەكلەش رولىغا ئىگە بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش ۋە ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ پەن ـ تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىستراتېگىيەلىك ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا زاپىسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تاراتقۇلارنى يۇغۇرۇش ئىدىيەسى، مەزمۇنى، شەكلى ۋە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پارتىيە ساداسىنى تېخىمۇ ياڭراق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى بۇ يىللىق ئىسلاھات نىشان ـ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلاھات يېڭى ۋەزىپىسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ۋە پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېتەكلەش خاراكتېرلىك، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.