تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

3000 ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قىزىل جىلىتكىسى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە كۈچ قوشتى

    يېقىندا، ئاقسۇ شەھىرىدىكى پىدائىيلار پۈتۈنلەي يېپيېڭى بولغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىزىل جىلىتكىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، جىلىتكە ئۈستىگە «خاڭجوۋ-ئاقسۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر نىيەتتە گۈزەل تۇرمۇش يارىتايلى» دېگەن خەتلەر بېسىلغانىدى.

    ئىگىلىنىشىچە، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاقسۇ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ، بۇ تۈركۈم قىزىل جىلىتكىنى تىكىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پىدائىيلارنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق ياراتقان.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئاقسۇ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يەنە ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرى، ئايال كارخانىچىلارنى «ئانار گۈلى» ئاياللار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما، ئاياللار، بالىلارنى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، قىش پەسلىدىكى ئاقسۇ شەھىرىنى تېخىمۇ ئىللىتتى.

    ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى زۇلخۇمار ئوسمان مۇنداق دېدى: «بۇ قىزىل جىلىتكىلەر دەل ۋاقتىدا كەلدى، بىزنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشىمىزغا قولايلىق ياراتتى، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىغا رەھمەت، ئاقسۇ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە رەھمەت.»

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، ئاقسۇ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى «ئانار گۈلى» ئاياللار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاستىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۈرۈشلۈك پىدائىيلار ياردەم بېرىش-يۆلەش پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، 3000دىن ئارتۇق ئاياللار ۋە بالىلارغا غەمخورلۇق قىلدى، ياردەم بەردى، ئۇلارنى يۆلىدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ شياۋشياۋ، فېڭ يۇڭ)

مەنبە: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.