تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇلغاچقا، شىنجاڭدا ئۇدا يەتتە يىل ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى گاۋ فېڭ

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلىدا ئۈچ ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا يەتتە يىل ئېشىپ، مەھسۇلات مىقدارى 1978 - يىلىدىن بۇيان 2 - قېتىم يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان.

بۇ يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش تەستە قولغا كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتتى. ھەرقايسى جايلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئاپەتتىن ئىلمىي مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەت زىيىنىنى ئىلمىي ئازايتىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىپ، تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتتى.

سىياسەت كاپالىتى جايىدا بولدى، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى

ئاشلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىش كۈچلۈك سىياسەت كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايون ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا مۇقىم ھوسۇل ئېلىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ ئويمانلىق، بىر جىلغا» ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ۋە يەم - خەشەككە تەڭ ئىشلىتىدىغان كۆممىقوناق تېرىقچىلىقىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى. ھەرقايسى جايلار قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى قەتئىي چەكلەپ، «ئاشلىقنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاق تاشلاپ قويۇشنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلىدى. شىنجاڭ بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 36 مىليون 508 مىڭ 500 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 933 مىڭ 400 مو كۆپىيىپ، %2.6 ئېشىپ، 1978 - يىلىدىن بۇيانقى تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.

دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش ئۈچۈن، شىنجاڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. شىنجاڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئىككى تۈركۈمدىكى ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بۇغداي ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە ياردەم تولۇقلىسىنى تولۇق بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزى مەبلەغ جۇغلاپ دادۇر، خاسىڭ مەخسۇس تۈر تېرىقچىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى تەسىس قىلىپ، خاسىڭ تېرىلغان ھەر مو يەرگە 500 يۈەن، دادۇر تېرىلغان ھەر مو يەرگە 300 يۈەندىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئۆلچىمى بويىچە، دادۇر، خاسىڭ تېرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم پۇلى بەردى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ھەقىقىي پەسەيتىپ، دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىش، ياغلىقدان تېرىشنى كېڭەيتىشتىن نەپ ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىدى.

شىنجاڭ بويىچە يۇقىرى - تۆۋەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق، كۈزلۈك ئاشلىق كۆلىمىدە قوش ئېشىش ئىشقا ئېشىپ، نىسبەت تەڭپۇڭلىشىشقا يۈزلەندى، دانلىق زىرائەت، پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمى ئاشتى، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنىڭ كۆلىمى مۇقىم بولدى، ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ئەلالاشتى، تېرىقچىلىق سەۋىيەسى ئۆستى

«پۈتۈن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە تېخنىكا قاتلىمىدىن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.». تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭ «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن ئورگانىك ئوغۇتنى خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇنبەت يەر ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى. ئاشلىقنىڭ يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكىتىنى ئاشلىقنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، چوڭقۇر بوشىتىش، سۇ، ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئازوتلۇق ئوغۇتنى كەينىگە سۈرۈپ ئىشلىتىش، بىرنى پۈركۈش، ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلدى، شىنجاڭ بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى، رايون خاراكتېرلىك ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق ۋە «جىددىي پەيت» تىكى قۇرغاقچىلىق يۈزبەرمىدى.

«ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇش ئارقىلىق، 2022 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىرلىك كۆلەمدىكى ھوسۇلى ھەر مو يەرنىڭ 496.73 كىلوگىرام بولۇپ، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن 8.81 كىلوگىرام كۆپىيىپ، %1.8 ئېشىپ، بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى.

«پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى.» تاڭ يىۋۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، شىنجاڭ پارچە يەرلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلەشتۈرۈپ ئوبوروت قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق تېرىقچىلىقىنى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئاشلىق بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ رايونى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ تەدرىجىي كىچىكلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاساسلىق كۈزلۈك ئاشلىق زىرائىتى بولغان كۆممىقوناقنىڭ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك پىششىقلاش تىپىدىكى كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇلۇپ، يېمەكلىك، يەم - خەشەك ھەمدە كۆممىقوناقنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى ئېھتىياجلىق خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىندى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا كۆممىقوناق سورتىنى يېڭىلاش نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇلۇپ، كۆممىقوناقنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، سىلوس قونىقى، بېدە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك تېرىش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، «بۇغداي+سىلوس قونىقى»نى ئېڭىزغا تېرىش ئەندىزىسى كېڭەيتىلىپ، چارۋىچىلىقنى يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

ئاپەتتىن ئىلمىي مۇداپىئەلىنىپ ئاپەت زىيىنى ئازايتىلدى، مول ھوسۇل كاپالىتى كۈچلۈك بولدى

يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى تېرىقچىلىق، پەرۋىش ھالقىسىدا ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىدىمۇ ئىپادىلەندى.

تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مەزگىلىدىكى مۆلدۈر، قارا يامغۇرلۇق كەلكۈن، بوران قاتارلىق ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «بالدۇر سىگنال بېرىش، بالدۇر مۇداپىئەلىنىش، تېز بىر تەرەپ قىلىش»تىن ئىبارەت ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمەت پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، «2022 - يىللىق سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى لايىھەسى قاتارلىق بەش ھۆججەت توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تۈزۈپ، بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاپەتتىن ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشى، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئىلمىي ئازايتىشىنى خىزمەت قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

ھەر قېتىم دېھقانچىلىقنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق ئورۇنلار مۇتەخەسسىس ۋە تېخنىكا تايانچلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى ۋاقتىدا تاللاپ ئەۋەتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنىڭ ئېتىزلارغىچە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مېتېئورولوگىيە، سۇچىلىق، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، مەسلىھەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ۋاقىت بۆلىكى، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ھاۋارايى ۋە كېسەللىك - ھاشارات ئاپىتى زىيىنىنى كۆزىتىپ ئالدىن سىگنال بېرىشنى زىچلاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە دىجورنىلىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەت ئېغىر رايونلاردا ھوسۇل ئاز كېمىيىش، ئاپەت يېنىك رايونلاردا ھوسۇل كېمەيمەسلىك، ئاپەت بولمىغان رايونلاردا ھوسۇل كۆپرەك ئېشىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى.

«بۇ يىل، شىنجاڭدا زىرائەتلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش كۆلىمى ۋە ئىقتىسادىي زىيان بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازايدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن يىلدا ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى» دېدى تاڭ يىۋۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.