□شۈ چىڭگۇاڭ
«20 ماددا» «يېڭى 10 ماددا» قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارغا يېڭى سىناق، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ئىش قىلغاندا خەلق بىلەن بىر نىيەتتە بولۇش» ئىدىيەسىنى جەزمەن ئەمەلدە ياخشى كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى، ئەڭ قىيىن، ئەڭ غەم قىلىدىغان، ئەڭ تەخىرسىز ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.
ئىش قىلغاندا خەلق بىلەن بىر نىيەتتە بولۇش − پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشقىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا ئۆزگىرىش بولدى، لېكىن خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەرىكىتىدە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
ئىش قىلغاندا خەلق بىلەن بىر نىيەتتە بولۇش كونكرېت، رېئال بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى جەزمەن ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئامما كېسەل كۆرسىتەلەمدۇ - يوق، دورا سېتىۋالالامدۇ - يوق، خېسۇەن تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىشتا خەلققە قولايلىق بولۇش تەلىپى نامايان قىلىندىمۇ - يوق، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ سانى يېتەرلىك بولدىمۇ - يوق، نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىشى قولايلىق بولدىمۇ - يوق، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋاقتىدا بولدىمۇ - يوق، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىنى قوللايدىغان سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى دەل جايىدا بولدىمۇ - يوق، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى يېتەكلەش كۈچلۈك بولدىمۇ - يوق... پەقەت ئاممىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش ئاساسىدا، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىللىق، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولغان خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
«خەلقنىڭ غېمى جەزمەن بىزنىڭ غېمىمىز؛ خەلقنىڭ ئارزۇسى جەزمەن بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز.» «ئىش قىلغاندا خەلق بىلەن بىر نىيەتتە بولۇش»نى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىگەندىلا، چوقۇم خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، بوران - چاپقۇندىن كېيىنكى پارلاق ھەسەن - ھۈسەننى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.
(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)