ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن كارخانىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:
تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە باغچە رايونى، كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقلىرىنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، «ئالتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بازارنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك.
شىنجاڭ گاۋشىن ئۆسۈملۈك زاۋۇتى پەن - تېخنىكا تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكىدا، ئەركىن تۇنىياز كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى، مەھسۇلات مىقدارى ئۈنۈمى، سېتىش يوللىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاقىل يېزا ئىگىلىكى كەلگۈسى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى بولۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى سىجىل زورايىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى بازارلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۆز جايىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ كەيۋو يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئېرىمە ماتېرىيال بىرىكتۈرۈلگەن توقۇلمىسىز رەخت ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە ئۈسكۈنىلەر جىددىي قۇراشتۇرۇلۇۋاتاتتى. ئەركىن تۇنىياز كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىدى، ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇم سەۋەبىدىن كېچىككەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۇچرىغان زىياننى تولۇقلاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، بالدۇر پۈتتۈرۈش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ لەيۋو پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز نەق مەيداندا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، يېڭىلىق يارىتىپ ئايلاندۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىدە ئەركىن تۇنىياز نەق مەيداندا دورا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش، بازارنى ئېچىش، يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دورىلارنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇشى، تەڭشىلىشى ۋە تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى جانلاندۇرۇش سىياسەت - تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىپ ئۆرلەش ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، سىياسەت يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكىمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىساد سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا تايىنىپ، پەقۇلئاددە چوڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى قېزىپ چىقىپ، كۆپ مەنبەلىك خەلقئارالىق بازارنى كېڭەيتىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى كۈچەيتىش، يۈكىنى يېنىكلىتىش، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچەش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلنىڭ بېشىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.