تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلقئارا يولۇچى توشۇش، يۈك توشۇش قوش تۈگۈنى بەرپا قىلدى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى:

خەلقئارا يولۇچى توشۇش، يۈك توشۇش قوش تۈگۈنى بەرپا قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

«ئۇچۇش رايونىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى سائەت 12دىن بۇرۇن مەركىزىي ئايروپىلان توختىتىش ئورنىدىكى قار - مۇزلارنى تازىلاپ، كېيىنكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭلار.» 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 11لەردە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش كومىتېتى (يۈرۈشۈش - كونترول مەركىزى) يۈرۈشۈش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ بەيلىن سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى قولىغا ئېلىپ، يۈرۈشۈش چوڭ ئېكرانىغا تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق تاپىلىدى.

«بۈگۈن ئايروپورتقا 327 نۆۋەتچى قېتىم ئايروپىلاننىڭ كىرىپ - چىقىشى پىلانلاندى، بۇ بىر نەچچە كۈندىكى يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى 2019 - يىلىدىكىنىڭ %76ىگە باراۋەر ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، يەنە داۋاملىق ئاشىدۇ. بىز نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۇچۇشى، قونۇشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىن غەم قىلماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» جۇ بەيلىن مۇنداق دېدى: قىشلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا كاپالەتلىك قىلىشتا، بۇ ئايروپورت ئۇچۇش يولىدىكى قار - مۇزلارنى تازىلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئۇچۇش يولىنى تاقاش ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئايروپىلاننى ئىتتىرىپ چىقىرىش پەيتى ۋە يۆنىلىشىنى توغرا كونترول قىلىش، سىيرىلىش لىنىيەسىنى تەڭشەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئايروپىلانلارنىڭ يەر يۈزىدە ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى. نۆۋەتتە، ئايروپىلانلارنىڭ مۇز تازىلاش كاپالىتىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

ئايروپورتنىڭ «چوڭ مېڭىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش كومىتېتى «بوشلۇقتىكى يىپەك يولى»نىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى كۈنسېرى ئېشىش، لېكىن كارىدورلۇق ئۆتۈشمە يول سانى يېتەرلىك بولماسلىقتەك رېئاللىق ئالدىدا، «نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كارىدورلۇق ئۆتۈشمە يولغا ئىككىنچى قېتىم سۆرەپ ئاپىرىش» لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، پۈتۈن يىلدا كارىدورلۇق ئۆتۈشمە يولغا ئىككىنچى قېتىم سۆرەپ ئاپىرىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 9000دىن ئېشىپ، ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈچۈن ئاز دېگەندە 100 توننا يېقىلغۇ سەرپىياتىنى تېجەپ بەردى. كارىدورلۇق ئۆتۈشمە يولغا يېقىنلىشىش نىسبىتى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلۈش بىلەن بىللە، نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە ئايروپىلان سۇپىسىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ نورماللىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئاشۇرۇلدى. «نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كارىدورلۇق ئۆتۈشمە يولغا ئىككىنچى قېتىم سۆرەپ ئاپىرىش» لايىھەسى پۈتۈن مەملىكەت خەلق ئاۋىياتسىيەسى دائىرىسىدە ئومۇملاشتۇرۇلدى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈن ئېغىزى ئايروپورتى بولۇپ، دىققەتنى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ھالقىسىدىكى مۇلازىمەت ئاغرىق نۇقتىسى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈردى، ئايروپورت يولۇچىلار ئارزۇ قىلغان ئەتراپىدىكى ئىشلار ۋە كۆڭۈلگە ياقىدىغان ئىشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى بېجىرىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئايروپورتنىڭ ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە بىنالىرىدا يولۇچىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەر ۋاقىت خىزمەتچى خادىملاردىن ياردەم سورايدىغان بولدى. خىزمەتچى خادىملار «تۇنجى قوبۇل قىلغان خادىم ئاخىرغىچە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى»نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولۇچىلارغا ئاڭلىق ھالدا ئۆزلۈكىدىن يېتەكچىلىك قىلدى، ياردەم قىلدى.

2021 - يىلى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى پۈتۈن بىر يىلدا 138 مىڭ 724 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، تەخمىنەن 17 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇدى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنىڭ نورماللىق نىسبىتى %93.16كە يەتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنىڭ نورماللىق نىسبىتى ئايروپورتقا كىرگەن - چىققان يولۇچى مىقدارى مەملىكەت بويىچە %1 (%1نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن ئايروپورتلار ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان «تەرەققىيات جاۋاب قەغىزى»نى يېزىپ چىقتى. 2016 - يىلى ئايروپورتقا كىرگەن - چىققان يولۇچى مىقدارى 20 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا قاتناشقا بولىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 200گە يېقىنلىشىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 قېتىمدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچتى. بۇ يىل، ئايروپورتتا ئالمۇتا، بېشكەك، تاشكەنت، دۈشەنبە قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 11 - ئايدا يەنە خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلانى لىنىيەسىدە تىجارەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

«بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئىلمىي پىلانلايمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى <شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە بىرلەشتۈرۈلگەن، يولۇچى توشۇش بىلەن يۈك توشۇش تەڭ تۇتۇلىدىغان، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان> ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا يولۇچى توشۇش، يۈك توشۇش قوش تۈگۈنى بەرپا قىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا، يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئايروپورت مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە بازىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىدۇ.» شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گاۋ مىڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، تىنچ - ئامان ئايروپورت، يېشىل ئايروپورت، ئاقىل ئايروپورت، ئادىمىيەت ئايروپورتىدىن ئىبارەت «تۆت خىل تىپتىكى ئايروپورت» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ھاۋا قاتنىشى تورىنى شەكىللەندۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.