− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
ئەمدىلا يېپىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يىغىن ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قانداق قاراش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى قانداق ئىشلەشكە ئائىت تۈپ مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجادىي ياخشى تۇتۇپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.
ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز چىڭىدى
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىندا، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.
«بۇ قېتىمقى يىغىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەركەز ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئىشەنچ بېغىشلىدى، بۇ، مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر خۇ كەيجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكى سىستېمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ قايتا تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، كەسىپلەرنى بىرىكتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، بىر قەدەر كۈچلۈك يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم تايانچ كارخانىلارنى بەرپا قىلىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ نىشان - ۋەزىپە تەلىپى بويىچە، بىر قەدەر كۈچلۈك يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانا قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتىكى «تۈۋرۈك»لۈك «مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى شى خەيتاۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ باج سىستېمىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باجنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە دائىر تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى كەم - كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج ئىشلىرىنى بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە باج تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن باج كۈچىنى قوشىدۇ.
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى زىچ چۆرىدەپ، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، نېفىت خىمىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، مېتاللورگىيە قاتارلىق ساھەلەرنى يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى زورايتتى، كۈچەيتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن جۇڭجېن مۇنداق بىلدۈردى: بىز مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى زورايتىش، كۈچەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە، بىر قەدەر كۈچلۈك رىقابەت كۈچى ھازىرلىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز، «ئىشىنىمىزكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىساق، كېلەر يىلى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جەزمەن بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ».
مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجادىي ياخشى تۇتىمىز
«مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش ۋە سىياسەت جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، <14 - بەش يىل>دىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، رايونلار ئارا ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىز ئۈچۈن ئېنىق نىشاننى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئۇنىۋېرسال پىلانلاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋېي شىنلياڭ. كېلەر يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە بىر تۈركۈم مۇھىم دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يېڭىدىن يولغا قويۇشنى پىلانلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، G3033 كۈيتۈن − مايتاغ − كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭىدىن دۆلەت تاشيول تورى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان چوڭ يول تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە قۇرۇلۇشنى بالدۇر باشلاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول تورىنى تۇتاشتۇرۇش، تورنى تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
پۇل مۇئامىلە زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ يادروسى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېغىر، زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى جاڭ جياچى مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭدۈرىمىز. ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغكە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.
«<دۆلەت ئىچى ئايلىنىشى بىلەن خەلقئارا ئايلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، دۆلەت ئىچى چوڭ ئايلىنىشىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا ئايلىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش> تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىش كېرەك.» شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، جەمئىيەت باشلىقى ياۋ يۈجېن مۇنداق دېدى: ھازىر، بىز تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا ئىشلىرى قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كارخانىلىرى تورىنى زىچ توقۇپ، خەلقئارا دوستلار چەمبىرىكىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.
ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا، تەرەققىياتنى تۇتۇشقا، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىمىز
«مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ شۇۋېي مۇنداق دېدى: بىز مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يىغىن روھىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىيات، ئىسلاھات خىزمىتى فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، جۇ شۇۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ تولۇق قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش ۋە سىياسەت جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاققىچە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى تېز يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «رەقەملىك ھۆكۈمەت» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈرۈمچى تاموژنىسى قانۇن - نىزام ۋە ئۇنىۋېرسال كەسىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يۈەن جياڭۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەت «بىرىكمە مۇشت»ىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورت - ئېكسپورت چوڭ يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تاۋار قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكسپورتنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تىرەكلىك رولىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى توپلاش ۋە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىدا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشكە ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.
«بىز مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا سىجىل كۈچەپ، شىنيې گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىدىكى سەركە، باشلامچى بولىمىز» دېدى شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى - تىجارەت (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋەن جېڭ.
(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار مېھرىگۈل ناسىر، گاۋ فېڭ، لۇ فېڭباۋ، رەن خۇ، خېي خۇڭۋېي، چېن چياڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ پېڭ)