تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرايلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: «كېلەر يىلى مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك». مۇقىم بولۇش ئاساسىي رىتىمى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىلگىرىلەش تەلىپى تېخىمۇ ئاكتىپ بولدى، يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلار ئىنتايىن مول بولدى.

مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، روشەن مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنلەش زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ قات بېسىم يەنىلا بىر قەدەر زور، تاشقى مۇھىت داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭقۇرلاشماقتا. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۆرۈنەرلىك ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغان پەيتتە، ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە شۇنچە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى تىزگىنلەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى قايتا - قايتا ئىسپاتلىغان بىر مۇھىم تەجرىبە.

مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىزدەك بۇنداق چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. پەقەت ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى سالماقلىق بىلەن تۈگىتىپ، ئوتتۇراھال كىرىم توزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، خەلقئارا رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى مۇۋاپىق ئېشىش شارائىتىنى ھازىرلىغان، تىرىشىش ئارقىلىق، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى يوشۇرۇن ئېشىش سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، كېلەر يىلى دۆلىتىمىزدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدار بېسىمى بىلەن قۇرۇلمىلىق زىددىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدە ئومۇمىي تەمىنات يېتەرلىك بولۇپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە كاپالىتى كۈچلۈك، مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسى بار، ماكرولۇق سىياسەتكە توسالغۇ شەكىللەندۈرمەيدۇ، لېكىن قۇرۇلما خاراكتېرلىك مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ بىرقىسىم قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تۈگىتىش كېرەك.

مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئىشەنچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇش جەھەتتە پائال نەتىجە يارىتىش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامىللارنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك. يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە يادرولۇق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاش كېرەك. مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ۋە يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، بىزنىڭ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش - تۇرالماسلىقىمىز توغرىسىدا جەمئىيەتتە تارقالغان ناتوغرا مۇلاھىزىلەرگە قارىتا، جەزمەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئىشەنچلىك مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئۇل تېشى، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، توختام روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش تەلىپىنى تۈزۈم ۋە قانۇن جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى دادىل ئىش قىلىدىغان، پۇقراۋى كارخانىلار دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، چەت ئەل كارخانىلىرى دادىل مەبلەغ سالىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشتا، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ سىياسەت يۈزلىنىشىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشى كېرەك. قىزىل رەقەم، مەخسۇس تۈر قەرزى، ياردەم ئۆسۈم قاتارلىق قوراللارنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىرىكتۈرۈپ، مالىيە سىياسىتىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى مۇۋاپىق زورايتىپ، مالىيە چىقىمىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك قوللاش كېرەك. پۇختا ۋە كۈچلۈك پۇل سىياسىتى دەل جايىدا، كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. يۆتكىلىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، تولۇق بولۇشىنى ساقلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەرلىك، تۆۋەن تەننەرخلىق مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. كەسىپ سىياسىتىدە تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تەڭ تۇتۇش كېرەك. تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ ئاساسى، خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، كەسىپ سىياسىتى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنىڭ مۇھىم بىرىكىش نۇقتىسى. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچەپ كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا سىياسىتىدە دىققەتنى ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەت سىياسىتى خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمى 11 مىليون 500 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ، يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كەسىپ ۋە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ياشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى سىغىمىنى كېڭەيتىش، تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە رايونلارغا تەكشى جايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ۋە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ داۋالاش بايلىقىنى كۆپەيتىش كېرەك. نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى، تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە كۈتۈنۈش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەمىنلەشنى كۆپەيتىشىگە مەدەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشتا، جەزمەن سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. خەۋپ - خەتەر مەركەزلىك پارتلىسا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توختاپ قالىدۇ، ھەتتا چېكىنىدۇ، مۇقىم بولۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ زەنجىرى ئۇزۇن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، مالىيە ئەھۋالى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سىستېمىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۆي - مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا سۈپەتلىك ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆي - مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مۈلۈك قەرز ئەھۋالىنى ياخشىلاش كېرەك. ئۆينى ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىش، سودا ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىلىق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، بۇ، ئۆي - زېمىن كۆپۈكىنىڭ دەۋرىيلىك ئايلىنىشىدىن قۇتۇلۇشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، رايون خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

دولقۇن ئۆرلەپ كۆرۈندى دەريا يۈزى بىپايان، ئوڭ شامالدا كېمىلەر يەلكەن ئاچتى بەخىرامان. يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا سالماق تاقابىل تۇرساق، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوت چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.