تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، 2022 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى چوڭقۇر خۇلاسىلەندى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، 2023 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، سىياسەت يۆنىلىشى، مۇھىم، زور ۋەزىپىسى توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. سىياسەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ماكرولۇق سىياسەتلەرنى سىستېمىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى تۇتاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئورنىنى توغرا تېپىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە ۋە يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمالنى پائال ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىساد سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجادىي ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، تىرىشىپ كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولۇپ، مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بۇيىچە يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىدا ياخشى ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. يىل ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل يېقىنلىشىپ قالدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز، تىرانسپورتنى تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كەسىپ، مۇھىم، زور تۈر قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل رەتلەپ، پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يېڭى باسقۇچتىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى «ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا يۆتكەپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سىستېمىسى ۋە دورا بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى نۇقتىلىق ياخشى قوغداپ، ياشانغانلارغا ۋاكسىنا ئەملەشنى تېزلىتىش كېرەك؛ سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭى ۋە ئۆزى مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تۇراقلىق باسقۇچقا تىنچ، تەرتىپلىك ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.