تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سانجى ئوبلاستىنىڭ قار-مۇز ساياھەت پەسلى باشلاندى

 

 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانى، 2022-يىللىق سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار-مۇز ساياھىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قار-مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا كۆپ قېتىم مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تىيانشان بوغدا كۆلى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى، سانجى قار-مۇز ساياھەت بايرىمى، قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى، باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى قار-مۇز ساياھىتى بايرام پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە بۇ يەرگە جەزمەن كېلىپ، قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىش قاتارلىق ئاممىۋى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى جۇشقۇن قانات يايدۇرۇشقا جەلپ قىلىدۇ.
خې لۇڭ فوتوسى

 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولىغا ماڭماقتا.
خې لۇڭ فوتوسى

12-ئاينىڭ 17-كۈنى، سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا، كىچىك دوستلار قاردا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكتە.
خې لۇڭ فوتوسى

 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر قاردا ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكتە.
خې لۇڭ فوتوسى

 12ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى، سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر يەلكەنسىمان پاراشوتلارغا ئولتۇرۇپ ئاسماندا پەرۋاز قىلماقتا.
خې لۇڭ فوتوسى

12ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى، سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار تېيىلىش مەيدانىغا كىرمەكتە.
خې لۇڭ فوتوسى

12ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى، سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى.

خې لۇڭ فوتوسى

 12ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى، سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارى قار تېيىلىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلماقتا.

خې لۇڭ فوتوسى

 12ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى، سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا، ھەۋەسكارلار ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويۇنى كۆرسەتمەكتە.
خې لۇڭ فوتوسى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.