تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 18 مىليون 135 مىڭ توننىغا يەتتى

​ئۇدا يەتتە يىل ھوسۇل ئېشىش ئىشقا ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گاۋ فېڭ، ليۇ يىنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلىدا «ئۈچ ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 18 مىليون 135 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 777 مىڭ 200 توننا ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %4.5كە يەتكەن، ھوسۇل ئۇدا يەتتە يىل ھوسۇل ئېشىش ئىشقا ئېشىپ، ھوسۇلى 1978 - يىلىدىن بۇيان ئىككىنچى يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى يېزا ئىگىلىك تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى لى جۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قىلچە بوشاشماي ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش ئاساسىدا، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى يەرگە باغلاش» «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرلەرنى ئۈنۈملۈك يېڭىپ، ئاپەت زىيىنى ۋە زىياننى ئىلمىي يوسۇندا ئازايتىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىدا ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىدا يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى 6 مىليون 551 مىڭ 700 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 138 مىڭ 700 توننا كۆپىيىپ، %2.2 ئاشقان؛ كۈزلۈك ئاشلىق ھوسۇلى 11 مىليون 583 مىڭ 300 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 638 مىڭ 500 توننا كۆپىيىپ، %5.8 ئاشقان، كۈزلۈك ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %63.9 بولغان. ئۈچ چوڭ تۈردىكى ئاشلىق ئىچىدە دانلىق زىرائەت ھوسۇلى 17 مىليون 793 مىڭ 600 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 752 مىڭ 200 توننا كۆپىيىپ، %4.4 ئاشقان؛ پۇرچاق تۈرىدىكى ھوسۇل 144 مىڭ 800 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 37 مىڭ 100 توننا كۆپىيىپ، %34.4 ئاشقان؛ ياڭيۇ تۈرىدىكى (ئاشلىققا سۇندۇرۇلغىنى)ھوسۇل 196 مىڭ 600 توننا بولغان.

«شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەربىر نوپۇسنى ئۇدا بىر يىلغىچە كۈنىگە ئىككى كىلوگىرام ئاشلىق بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رايونىنىڭ ئاشلىق ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىدى» دېدى لى جۈن.

ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 36 مىليون 508 مىڭ 500مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 933 مىڭ 400مو كۆپىيىپ، %2.6 ئېشىپ، 1978 - يىلىدىن بۇيانقى تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان. ئاشلىقنىڭ بىرلىك كۆلەمدىكى ھوسۇلى ھەر مو يەرنىڭ 496.73 كىلوگىرام بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 8.81 كىلوگىرام كۆپىيىپ، %1.8 ئېشىپ، بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىدە مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.