تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خەلققە قولايلىق بولۇش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سۈرئىتى ئاشتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ھارارەتكە تولدى

شىخو شەھىرى ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى

خەلققە قولايلىق بولۇش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سۈرئىتى ئاشتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ھارارەتكە تولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

«ئىشىمنى بېجىرىپ تۈگەتكىچە پۈتۈن مۇساپىدە ھەمراھ بولغىنىڭىزغا رەھمەت، بۇ مۇلازىمىتىڭلار بەك سەمىمىي ئىكەن!» 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، شىخو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدە، ياشىنىپ قالغان ساۋ تيەنمىڭ ئۆزىگە ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەسىپ بېجىرىشىگە ياردەم قىلغان شۇ كۈندىكى نۆۋەتچى مۇدىر چېن ۋېنغا شۇنداق دېدى.

شۇ كۈنى، ياشىنىپ قالغان ساۋ تيەنمىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كۆزنىكىگە كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ ئالاقىدار ئىجتىمائىي كاپالەت كەسپىنى بېجىرمەكچى بولدى. بۇ ياشانغان كىشىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش بىر ئاز قىيىن ئىدى، چېن ۋېن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا بېرىپ، تەپسىلىي سوراپ، پۈتۈن مۇساپىدە سەرۋچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن بۇ ياشانغان كىشىنىڭ كەسىپنى بېجىرىشىگە ياردەم قىلدى.

پۈتۈن مۇساپىدە ھەمراھ بولۇپ بېجىرىش، ياردەم قىلىپ بېجىرىش شىخو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دائىملىق خىزمىتى. «ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرىنچى ۋاقىتتا جاۋاب قايتۇرۇپ، سۈرئىتى، ھارارىتى بولغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى يارىتىش بىزنىڭ نىشانىمىز» دېدى چېن ۋېن.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.» ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى مۇھىم سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىخو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاترىتىش» مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئامما ئىش بېجىرىش جەريانىدا كۆرۈلگەن «توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، بوغۇق نۇقتا» مەسىلىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلدى.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەزگىلىدە، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ جىددىي ئىشى، مۇھىم ئىشىنى دەل ۋاقتىدا بېجىرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ مەركەز «توردا بېجىرىش، كۆرۈشمەي بېجىرىش»تىن ئىبارەت تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى پائال يولغا قويۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنى ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا چىقىپ، توردا ئىلتىماس قىلىش، توردا مەسلىھەت سوراش ۋە توردا بېجىرىشكە رىغبەتلەندۈردى. شىخو شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆرۈشمەي تۇرۇپ تور ئارقىلىق تۈرلۈك كەسىپتىن 183 پارچە قېتىمنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، پاي ھوقۇقىنى گۆرۈگە قويۇش كەسپى ئىككى پارچە قېتىم، تەسىس قىلىش، تىزىملاش كەسپى 89 پارچە قېتىم، تىزىملىكنى ئۆزگەرتىش كەسپى 56 پارچە قېتىم، تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىش كەسپى 24 پارچە قېتىم، يېمەكلىك تىزىمغا ئېلىش كەسپى 12 پارچە قېتىم.

«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، «ئالاقە تورى+» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە كۈچ قوشتى. نۆۋەتتە، شىخو شەھىرى ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىدىن 443 تۈرلۈك ئىشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 593 تۈرلۈك ئىشنى ئېلان قىلدى، توردا بېجىرگىلى بولىدىغان ئىش نىسبىتى %98.98 بولدى.

«خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىز» دېدى شىخو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر لىن چاڭ.

ئامما ئىش بېجىرىش جەريانىدا، دائىم «ئىشىنى بېجىرىپ بەرمەسلىك» «ئىشىنى تەستە بېجىرىش» «ئىشىنى بېجىرەلمەسلىك» قاتارلىق ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ. شىخو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى مەخسۇس «ئىشىنى بېجىرەلمىگەنلەر»نى كۈتۈۋېلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، سىياسەت سەۋىيەسى يۇقىرى خىزمەتچى خادىملارنى سەپلەپ، «بىرگە بىر» ۋە نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش شەكلىنى قوللىنىپ ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈردى.

«بىز <سىياسەتكە ئۇيغۇن بولسا دەرھال بېجىرىش، قىيىن، مۇرەككەپ بولسا بېجىرىشكە تۈرتكە بولۇش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇرۇق تالاش ـ تارتىش قىلغانلارغا بېجىرىشنى ۋەزىپە قىلىپ يۈكلەش، بېجىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى بېجىرمىگەن بولسا بېجىرىشىنى نازارەت قىلىش> پىكىر يولى بويىچە، <ئىشىنى بېجىرەلمەسلىك> مەسىلىسىگە قارىتا تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئامما، كارخانىلارنىڭ بېجىرىشنى ئويلىغان، ئەمما بېجىرەلمىگەن ئىشلىرىنى ھەقىقىي تۈردە بېجىردۇق، ياخشى بېجىردۇق» دېدى لىن چاڭ.

سانلىق مەلۇماتنى كۆپ قاترىتىپ، ئاممىنى ئاز قاتراتتى. بۇ مەركەز كۆزنەكلەرنى بىرىكتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «كۆچمەس مۈلۈك كىنىشكىسى بېجىرىش» «ئىجتىمائىي كاپالەت كەسپى بېجىرىش» «مەن ئاشخانا ئاچىمەن» «مەن پېنسىيەگە چىقىش كەسپىنى بېجىرىمەن» قاتارلىق ئون باش تېما شەكلىدىكى مەركەزلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىپ، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار تەڭ بېجىرىپ، بىر جەدۋەل بىلەن ئىلتىماس قىلىش، بىر قېتىم تاپشۇرۇش، سۈرۈك بېكىتىپ بېجىرىپ ئاياغلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنى قاترىتىش خاھىشىدىن ساقلاندى. كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىمۇ ئون كۆزنەكتە بىر قېتىمدىلا بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، كۆچمەس مۈلۈكنى بىرىكتۈرۈپ تىزىملاش، سودا، يەر خېتى بېجى قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلاردا، ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ بېجىرىشنى بىرلەشتۈرۈپ بېجىرىشكە ئۆزگەرتىپ، تىزىملاش ۋاقتىنى 20 خىزمەت كۈنىدىن ئۈچ خىزمەت كۈنىگە قىسقارتتى.

شىخو شەھىرى ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش ئارقىلىق، 16 تارماققا چېتىلىدىغان 73 تۈرلۈك ئىشنى يېزا ـ بازار(كوچا باشقارمىسى)، كەنت(مەھەللە)لەرگە چۈشۈرۈپ بېرىپ، «دەرھال بېجىرىش» «يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش» «بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» «توردا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرى، كەنت ـ ئەترەتلەردە تۈرمۇش كەچۈرىدىغان بىر قىسىم ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى ئىلتىماس قىلىش، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، مېيىپلەر ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى بېجىرىش ئەمدى تەس بولمايدىغان بولدى.

«ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان كۆزنەك ئورۇن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، <ئىشنى بېجىرەلەيدىغان بولۇش، ئىشنى تېز بېجىرىش، ئىشنى بېجىرىپ تاماملاش> مۇلازىمەت ئىدىيەسى بويىچە، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنى كەم ـ كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز» دېدى لىن چاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.