تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىمىز

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى:

زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

«لاۋجاڭ، بۇ بىرنەچچە كۈندە بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى، لېكىن تۈر سۈرئىتىنى كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ، ئىشچىلارنىڭ ھال - ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇش كېرەك...» 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 9دىن 50 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىقتىساد - تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ فېڭ كۆز ئالدىدىكى تۈرنى ئالغا سىلجىتىش جەدۋىلىنى كۆرگەچ، شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى شەرقىي جۇڭغار تۈرىنىڭ مەسئۇلىغا تېلېفون بەردى.

«بىز مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىشچىلارغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلىدۇق، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت، تۈر سۈرئىتىنى ئۆز قەرەلىدە ئالغا سىلجىتىمىز.» تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپىدىن بۇ مەسئۇل كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئارقىدىنلا، ۋاڭ فېڭ يەنە باشقا تۈرلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىر - بىرلەپ ئالاقىلىشىپ، تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاندىن يېنىك تىندى. ۋاڭ فېڭ ئاساسلىقى تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل، نۆۋەتتە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى مەشغۇلات قىلىۋاتىدۇ. كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ۋاڭ فېڭ بۇ جايغا ماكانلاشقان تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىگە ۋە ئىشچىلارنىڭ ھال - ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

بۇ يىل، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا 108 تۈردە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يولۋاسقا قانات چىققاندەك غەيرەتكە كەلتۈردى. 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 108 تۈردە پىلاننىڭ %95.6ى تاماملاندى. «مۇشۇ سۈرئەت بويىچە بولغاندا، بەزى تۈرلەر يىل ئاخىرىدا پۈتىدۇ، لېكىن يۇقۇم قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش سۈرئىتى بىرمەھەل ئاستىلاپ قالدى. قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ۋاقتىدا تاماملاش ئۈچۈن، بىز كارخانىلارغا <ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى> دە مۇلازىمەت قىلىپ، قېپقالغان ئىشلارنى ۋاقتىدا تولۇقلىدۇق، تۈر قۇرۇلۇشى قەرەلىدە تاماملىنىدۇ» دېدى ۋاڭ فېڭ ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

10 يىل ئىلگىرى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىدىكى چۆللۈكتە، دۆلەت دەرىجىلىك شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بارلىققا كەلدى، 15 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ تۇپراقتا، دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە بايقالغان ئەڭ چوڭ تەييار كۆمۈرلۈك بار. بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولغان كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، كۆمۈردىن پاكىز يېقىلغۇ ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ئەۋزەل تۈۋرۈك كەسىپ شەكىللەندى. كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ نىسبىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي ياپراقچىسى شىنجاڭنىڭ كەسىپ بوشلۇقىنى تولدۇردى، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

نۆۋەتتە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال ۋە يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك 1200دىن ئارتۇق كارخانا بار. بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زەنجىرىنى ئۇزارتىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، جەمئىي 47 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق تۈرلەر شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلاشتى.

بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.7، سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1 ئېشىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ، ھەتتا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش ۋە زاپاسنى كۆپەيتىش - مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سۇ ئېلېكتىرىنى ئېچىش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يادرو ئېلېكتىرىنى پائال، بىخەتەر، تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«بىز چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، پائال ئىزدىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ بويىچە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر قولدا كۆمۈرنىڭ تىپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىمىز.» شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنبىن مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىمىز «كەسىپ ئېكولوگىيە چەمبىرىكى» قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەۋزەل كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆزئارا تىرەك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە كاپالىتى يېڭى ئېگىزلىكىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «شىفىرى» − ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش

■ مۇخبىر خاتىرىسى

بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، سانائەت قوشۇلما قىممىتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىدە بىردەك يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ، ھەتتا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى.

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «شىفىرى» − ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چۆرىدەپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قاتار ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئېنېرگىيە تەمىناتىدا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتتى؛ ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىن پايدىلىنىپ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدى؛ ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كەسىپلەر توپى ۋە ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، بايلىق، ئېنېرگىيەدىن پاكىز پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاقىل كان، ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى ...

بۇ يىل، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى نۇقتىلىق كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىسى − شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ئىككى ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ بىرلىكتە تاماملىغان «نورمال بېسىملىق مول ئوكسىگېنلىق ئايلانما ئاقما ئوقۇرلۇق، يۇقىرى ئىشقارلىق كۆمۈر گازىدىن بىرىكمە گاز ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى» خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئىشقارلىق كۆمۈرىنى ئېچىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا بۇنىڭغا ئوخشاش كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ھەرگىزمۇ ئايرىم مىسال ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى سىجىل ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 300دىن ئارتۇق ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشتى، دۆلەت پاتېنتتىغا ئېرىشكەن تۈر جەمئىي 1000دىن كۆپرەككە يەتتى. تېخىمۇ كۆپ كارخانا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىدى.

ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قەيەرگىچە ئېلىپ بېرىلسا، شۇ يەرنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ، تەرەققىيات ئۈنۈمىمۇ ئۈزلۈكسىز نامايان بولىدۇ. ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ۋاسىتە قىلىپ، يۇقىرى پەن - تېخنىكىغا يۈزلىنىش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىسلاھات نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا ۋە ئىستېرېئولۇق، سىستېمىلىق لايىھەلىگەندە، بۇ جاي شىنجاڭ ھەتتا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە كاپالىتىدە ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.