تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭنى سۇغا تايىنىپ گۈللەندۈرىمىز

تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى:

جەنۇبىي شىنجاڭنى سۇغا تايىنىپ گۈللەندۈرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شايار ناھىيەسىدىكى ليۇ خۇالى ناھايىتى ئالدىراش ئىدى. بۇ تارىم دەرياسى ۋادىسى غول ئېقىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېڭى چىمەن باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى تەۋەلىكتىكى توڭ ياتقۇزۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىۋاتاتتى.

تاقاق ئېچىلىپ، سۈپسۈزۈك تارىم دەرياسى سۈيى سۇ ئامبىرى ۋە دەريا ئېقىنىدىن يېنىك ئېقىپ چىقىپ، غول ۋە تارماق ئېقىن سىستېمىسى ئارقىلىق ئېتىزلارغا قۇيۇلۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا قويۇقلىشىپ كەتتى. ئېگىز بوشلۇقتىن قارىغاندا، يېڭى چىمەن پونكىتى دائىرىسىدىكى پارچە ـ پارچە توڭ ياتقۇزۇلۇۋاتقان سالا ئېتىزلار خۇددى بىر قەۋەت خىرۇستال تاختا بىلەن يېپىلغاندەك كۆرۈنۈپ، قۇياش نۇرىدا نۇر چېچىپ تۇراتتى.

«ھەريىلى مۇشۇ ۋاقىتتىن كېلەر يىلى 3 ـ ئايغىچە، توڭ ياتقۇزۇش، ئەتىيازدا ئوسا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز، تەۋەلىكىمىزنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش كۆلىمى 880 مىڭ مو، ئىشلىتىلىدىغان سۇ تەخمىنەن 180 مىليون كۇب مېتىر.» ليۇ خۇالى مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلىغا تەييارلىق كۆرۈشمۇ قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، شۇ تاپتا تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پونكىت ـ نۇقتىلىرى سۇ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، توڭ ياتقۇزۇش ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ».

جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى سۇ سىستېمىسى − تارىم دەرياسى سۇ سىستېمىسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى سۇ بايلىقىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاپ جارى قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭنىڭ سۇنى تىزگىنلەش، سۇدىن پايدىلىنىش پىكىر يولىدا مۇھىم ئۆزگىرىش بولدى.

«ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ۋادى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا نورمىلىق باشقۇرۇشتىن سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىگە ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ۋادى سۇ بايلىقىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا يىرىك تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تۈجۈپىلىك، ئىنچىكە تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ۋادى سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئاساس قىلىشتىن سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى قاتارلىق كۆپ نىشاننى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ فۇيۇڭ.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم دەريا ـ ئېقىن، كۆل، سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيىتى 20 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىنى جانلىق ئىزاھات بىلەن تەمىنلىدى.

سۇ − شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچە كەڭ بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ، 5 ـ ئومۇمىي يىغىنلىرىدا شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش خىزمىتىگە قارىتا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇش، سىستېمىلىق تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر ھەپتىدە تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش» خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلدى. سۇدىن تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش بۇ يىلقى تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ئەڭ روشەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

«ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ مېخانىزم تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئىلمىي، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەشنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.» ۋاڭ فۇيۇڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز بۇ يىللىق ئەمەلىيەت ئاساسىدا، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا سۇ بايلىقى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. بىزنىڭ مۇشۇنداق ئىشەنچىمىز بار!»

ئىشەنچكە تولغانلاردىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىلا ئەمەس، يەنە دېھقانلارمۇ بار. قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرى چىپقان كەنتىدىكى 35 ياشلىق دېھقان ئابلىز ئەركىن كېلەر يىللىق تىرىكچىلىك يولىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىدى. «بۇ يىل ئەتىيازدا بۇغدايلىرىمىز سۇغا تويۇندى، شۇڭا ھوسۇلمۇ ياخشى بولدى، ھازىر توڭ ياتقۇزۇشمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى. سۇ ياخشى، ئادەم ئىشچان بولسا، يەر مېنىڭ ئۈمىدىمنى يەردە قويمايدۇ. ھازىر ھەر ئىككىلىسى تەل بولدى!»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.