12- ئاينىڭ 12- كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «<غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپىك مىساللىرى>نى تەۋسىيە قىلىش تىزىملىكى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 66 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپىك مىسالىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن ئۈچ مىسال تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.
5- ئاينىڭ 28- كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ بىجاق نان شەھەرچىسىدە، ناۋايلار مەززىلىك پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان كۇچا بىجاق نانلىرىنى رەتلىمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى
بۇ ئۈچ تىپىك دېلو مىسالى ئايرىم- ئايرىم ھالدا: كۇچا بىجاق نېنى: بەختنى «نان»غا سىڭدۈرۈش (كۇچا بىجاق نېنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ناۋايخانىسى)؛ مىللىي چالغۇ: ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى گۈزەل مۇزىكىنى چېلىش (قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى باغچى كەنتى چالغۇ ياساش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دۇكىنى)؛ قىرغىز كەشتىچىلىكى: «كەشتىلەش» ئارقىلىق گۈزەل ئىستىقبال يارىتىش (ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى قىرغىز كەشتىچىلىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دۇكىنى)تىن ئىبارەت.
يېقىندا، «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپىك مىساللىرىنى تەۋسىيە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ تەۋسىيە قىلىشى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپىك مىساللىرىنى تەۋسىيە قىلىش ۋە باھالاش خىزمىتى ئاخىرلاشتى ھەم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋاقتى 12- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە بولىدۇ.
مەنبە: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى