تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىرتقا چىقىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولايلى

□شىن شىجيەن

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە نۇقتىلىق كارخانىلاردىن تەشكىللەنگەن ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە سودا ھەمكارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، بۇ، يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد - سودا ئۆمىكىنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «سىرتقا چىقىش»تىكى ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بەردى.

شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئۆزئارا مۇھىم ئەنئەنىۋى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى جەھەتتە ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇ قېتىمقى زىيارەتكە چىقىشتا ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، دوستانە شەھەرلەر ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە چەت ئەل تەرەپ بىلەن ئەمەلىي ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ھەمكارلىق ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى بېغىشلايدۇ، بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ مۇقەررەر ھالدا بىر قېتىملىق ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش سەپىرى بولىدۇ.

ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە تولغان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق رايون. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» شەرقتە كەڭ كەتكەن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تۇتىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپا رايونلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى، ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ياڭرىدى، جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلار يىراق - يىراقلارغا سېتىلدى. مەيلى شىنجاڭنىڭ نىسپىي بېكىنمە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى دەۋر تەلىپى بولسۇن، ياكى ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىلىرىنى موللاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يولى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەر تەرەپلىمە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەخىرسىز تەلەپ قىلىدۇ.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشتا شىنجاڭ «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر پورت»نىڭ ئېچىۋېتىش تۈگۈنى بولۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «ئىككى رايون»نىڭ ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنا - ئۈسكۈنە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - ساياھەت، سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان بىر قاتار دىپلوماتىيە نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

«سىرتقا چىقىش»نىڭ ئىستىقبالى چەكسىز؛ «سىرتقا چىقىش» مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى پۇختا ئىشلىگەندىلا، شىنجاڭنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى جەزمەن تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.