تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاشقى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سەپىرىنى باشلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە چىقىپ

تاشقى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سەپىرىنى باشلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە سودا ھەمكارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، ئون كۈنلۈك ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سەپىرىنى قانات يايدۇردى. بۇ مەزگىلدە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، بىر قاتار ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ قېتىمقى زىيارەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى پائال يېڭىپ، 11 - ئاينىڭ باشلىرىدا دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە نۇقتىلىق كارخانىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان شىنجاڭدىن تۇنجى بولۇپ زىيارەتكە چىققان ھۆكۈمەت ئىقتىساد - سودا ئۆمىكى، ئۇلار ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە رايونلىرى، كارخانىلىرى بىلەن پائال سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قېزىشنى نەزەردە تۇتقان.

«شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئۆزئارا مۇھىم ئەنئەنىۋى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى جەھەتتە ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، يوشۇرۇن كۈچى زور، بوشلۇقى يېتەرلىك.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى رايون ھەمكارلىقى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ بو مۇنداق دېدى: «ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارەتكە چىقىش، ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، دوستانە شەھەرلەر ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە چەت ئەل تەرەپ بىلەن ئەمەلىي ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ھەمكارلىق ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىدۇ».

ھۆكۈمەت باشلامچى بولۇپ ئالدى بىلەن «سىرتقا چىقىش»ى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە بازار ئېچىشتىكى ئاكتىپ سىگنالنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىگە زور دەرىجىدە ئىلھام بېرىپ، تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭى بىر يىلدا خەلقئارادىكى كەسىپداشلار بىلەن رىقابەتلىشىش، ھەمكارلىشىش تېخىمۇ كۆپ پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە كۈچ قوشىدۇ.

«جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا كارخانىلىرى بىلەن بولغان تۈر قۇرۇلۇشى، تاشقى سودا كەسپى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ كېڭىشىش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق، يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز.» شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پەرھات مەمتىمىن مۇنداق دېدى: گۇرۇھىمىز بۇ قېتىمقى چەت ئەلگە چىقىپ ئىقتىساد - سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرىش ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات سەھنىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئېچىۋېتىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ماركا ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى ئالدىنقى سەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمىز.

بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە قازاقىستاندا «جۇڭگو شىنجاڭ − قازاقىستان ئىقتىساد - سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، مەبلەغ سېلىش تۈرى يىرىك پىلانى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ، بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرى كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.