تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

قۇمتاغ قۇملۇقى بۇ يىل قىشتىكى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى: قۇملۇقتىكى قار مەنزىرىسى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونى بۇ يىل قىشتىكى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى، تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس قۇم بارخانلىرى كۈمۈش لىباس كىيىپ، قۇملۇقنىڭ قار مەنزىرىسى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىردى.

قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ قاردىن كېيىنكى گۈزەل مەنزىرىسى.

خې خەيشيا فوتوسى

قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ قاردىن كېيىنكى ئۆزگىچە مەنزىرىسى.

خې خەيشيا فوتوسى

   ھەممە يەرنى قاپلىغان ئاپئاق قار، كۆزنى چاقنىتىدىغان قۇم دانچىلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ قىشتىكى ئاز ئۇچرايدىغان گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. «سەھەردە ياغقان قار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12دىن ئاشقاندا ئېرىشكە باشلايدۇ، مۆلچەرىمچە چۈشتە پۈتۈنلەي ئېرىپ بولىدۇ.» بۇ مەنزىرە رايونى بازار ماركىتىڭى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خې خەيشيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە، بۇ مەنزىرە رايونى قۇملۇق قار-مۇز ساياھىتى، قۇملۇق ھېس قىلىش ساياھىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېما پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ، قار-مۇز ساياھىتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىدۇ، قۇملۇق ھېس قىلىش ساياھىتى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم كېلەر يىلى 2-ئاي ۋە 3-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونىدا قۇملۇق بىلەن قاردىن تەركىب تاپقان گۈزەل مەنزىرە.
خې خەيشيا فوتوسى

پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونىدا بۇ يىل قىشتىكى تۇنجى قار ياغدى.

خې خەيشيا فوتوسى

    قۇملۇقتا قار تاماشاسى قىلىش پۇرسىتىگە تاسادىپىي ئېرىشىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما قۇملۇقتا قار-مۇز پائالىيەتلىرىنى ھېس قىلىش قىشتىكى دائىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. 12-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇ مەنزىرە رايونى شاخۇ كۆلى كۆڭۈل ئېچىش رايونىنىڭ مەسئۇلى شۈ بىڭ ۋە ئىشچىلار مۇز يۈزىنى ئوڭشاش، مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «بۇ يىل كۆل سۈيى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بالدۇر مۇز تۇتتى، ھازىر مۇزنىڭ قېلىنلىقى 20 سانتىمېتىرغا يېقىنلاشتى، مۇز ئۈستى چانىسى، چاق، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى، مۇز ئۈستى چانىسى قاتارلىق 14 تۈرلۈك ئەسلىھەنىڭ ھەممىسى تەق بولدى، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ قار-مۇز سەيلىسىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ئۇ.

مۇز ئۈستى پائالىيىتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىدۇ.

شۈ بىڭ فوتوسى

     بۇ يىل قىش پەسلىدە، قۇمتاغ قۇملۇقى يەنە «قۇم»نى پائالىيەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، قۇم تاغقا چىقىش، قۇملۇقتىن بايلىق ئىزدەش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، قۇملۇقتا ئارغامچا تارتىشىش، قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قۇملۇقتا تۆگە مىنىش، قۇملۇق ئاپتوموبىلى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە قىشتىكى قۇملۇق مەنزىرىسىنى قانغۇچە ھېس قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.