تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كانچىلىق ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش

شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى:

مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كانچىلىق ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشنى سېخلارغا كىرگۈزۈش، بەن ـ گۇرۇپپىلارغا كىرگۈزۈش، نەق مەيدانغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دوكلاتنى ئۆگىنىش، تەسىرات سۆزلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ھەرىكەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، قەتئىي تۈردە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى زىممىسىگە ئالدى.

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.» شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ گوخۇا مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى كارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى «4 ـ پەسىلدە كۈچەش، پۈتۈن يىلدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش»تىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى.

قېزىلما بايلىق شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەللىكى بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىشتىكى مۇھىم كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش»نى نىشان قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇھىت سۆيەر، بايلىق تېجەر، بىخەتەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت، كان ـ كارخانا بەرپا قىلدى. ھازىر شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىدا دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل كان، زاۋۇتتىن بەشى، دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسىدىن 11ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 12سى، ماھارەت ئۇستىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئىشخانىسىدىن 28ى بار. ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، «سانائەت ئالاقە تورى + 5G» قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، يېشىل زاۋۇت ـ كان، رەقەملىك زاۋۇت ـ كان، ئاقىل زاۋۇت ـ كان شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىدا چېچەكلەپ مېۋە بەردى.

جاڭ گوخۇا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى رىقابەت ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىدىغان ھالەت بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنىڭ شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.