تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى

جۇڭگو نېفىت قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى جۇڭگو نېفىتى(شىنجاڭ) نېفىت قۇرۇلۇشى شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى قومۇلغا جايلاشقان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيەسىنىڭ 2 ـ بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا (12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تارتىلغان). نۆۋەتتە، بۇ تۈر تۇرۇبا كەپشەرلەش قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىردى.□رېن شاۋۋېي فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيەسىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قومۇل بۆلىكىدە بۇ يىل 10 ـ ئايدا ئىش باشلانغاندىن بۇيان، 120 كىلومېتىرغا يېقىن تۇرۇبا كەپشەرلىنىپ بولدى.» قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان شەرقىي تىيانشان تېغى ئېتىكىدە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيەسىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھى تۈر باشقۇرۇش شۆبە شىركىتى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيەسى گەنسۇ ـ نىڭشيا (شىنجاڭ) تۈر بۆلۈمى قومۇل شۆبە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لى ۋېيچېن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، بۇ بۆلەكتىكى ھەرقايسى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، قىش پەسلىدىكى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشقا قارىتا «نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ»، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.

بۇ تۈر دۆلەتنىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق نېفىت ـ تەبىئىي گاز تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق تۈر، شۇنداقلا غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ 1 ـ لىنىيەسى، 2 ـ لىنىيەسى، 3 ـ لىنىيەسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن جۇڭگونى تۇتاشتۇرىدىغان يەنە بىر ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك چوڭ يولى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3340 كىلومېتىر بولۇپ، تۇرپان − قومۇل − جۇڭۋېي بۆلىكى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يادرولۇق تەركىبىي قىسمى. تۇرۇبىنىڭ يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 15 مىليارد كۇب مېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، كۆپەيتىپ يەتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن 30 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، 2024 ـ يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتتى، بىر تۈركۈم كەسىپ زەنجىرى تۈرلىرى، ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تۈرلىرى قاتارلىقلار ئارقا ـ ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىپ، تۈرلەردە ئىش باشلىنىپ، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى.

11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، شىنجاڭ خۇاديەن سانجى يىڭگېما كۆمۈر، ئېلېكتىرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش شاختا ئېغىزى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1 ـ قارارلىق 660 ×2مېگاۋاتلىق كۆمۈر، ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلاندى. بۇ تۈر گۇچۇڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى شىخېيشەن سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شەرقىي جۇڭغاردىن خۇادۇڭغىچە بولغان 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش توك مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ، بۇ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

سانجى ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە ئورۇندالغان تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن ئىش باشلانغان 470 تۈردە ئورۇندالغان سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.1 ھەسسە، 391 سانائەت سېلىنما تۈرىدە ئورۇندالغان سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.9 ئاشتى. سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچە رايونىدا، شىنجاڭ جىسۈن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى 4 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈشچانلىق، لىتىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، خىزمەتچى خادىملار زاۋۇت ئۆيىنىڭ يۈزلۈك تاختىسىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇۋاتاتتى. بۇ تۈردە بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ئىش باشلانغان بولۇپ، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، «كان ئېچىش، رۇدا تاللاش، مېتال تاۋلاش» كەسىپ زەنجىرىنى تەكشى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى نىشان قىلىنىپ، لىتىيلىق ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 ـ قارارلىق 60 مىڭ توننىلىق باتارېيەدە ئىشلىتىلىدىغان لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش تۈرىگە جەمئىي 2 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.

«تۈر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 60 مىليارد يۈەن مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، يىللىق باج تاپشۇرۇش سوممىسىنى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن 3 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزگىلى، 2000 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ تۈر باش نازارەتچىسى يۈ شۆجېڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تۈرلۈك تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، 12 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىش باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنمەكتە.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دۇ جيەنشىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاي ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم، زور سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسپى، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

«بۇ تۈرىمىزدە دەرىجىگە، سۈپەتكە ئايرىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، كۆمۈرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە، شەندۇڭ شىنفا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ـ ئايلاندۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى تۈرىنىڭ 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى بولغان پاكىز ئېنېرگىيەلىك كۆپ خىل بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتاتتى. بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى فۇ بىڭفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر بۇ تۈر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، قۇرۇلۇشنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىغىلى بولىدۇ.

بۇ يىلدىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى نۇقتىلىق كارخانىلار ۋە مۇھىم، زور تۈرلەرنى رەھبەرلەر ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش، قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مىقدارى، سۈپىتىنى قوش ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، تۇرپان شەھىرى ئورۇندىغان جەمئىيەت تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 19 مىليارد 856 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى.

بۇ يىل سەنيى ئېغىر سانائەت ـ ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى «مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، تىجارەت قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىدا شامال گېنېراتورى قانىتى ياساش تۈرىنى قۇردى. بۇ تۈردە 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ھازىر قۇرۇلۇش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %80ى تاماملاندى، شامال ئېلېكتىر ئاساسىي گېنېراتورى ھەم قانىتى ياساش زاۋۇت ئۆيى، تۇرۇبا تورى، زاۋۇت رايونى يولى، قوشۇمچە ئۆي قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەر يېڭىدىن قۇرۇلدى، 2023 ـ يىلى 4 ـ ئايدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈش مۆلچەرلەنمەكتە.

«تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى 100گە يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 2 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى سەنيى ئېغىر سانائەت ـ ھاسىلىي ئېنېرگىيە يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى يېرسىن تالىپقان.

(مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، دۇ جيەنخۇي، جاڭ رۇيلىن، رايىدە)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.