تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئەڭ ئەلا تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلدى

ئاقسۇ ۋىلايىتى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى

ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئەڭ ئەلا تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن ۋېنشۇەن

«ھازىر تور دۇكىنى ئېچىش ناھايىتى قولايلىق، پەقەت سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە تور تىجارەت سورۇنىنىڭ تور ئادرېسى ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىسىلا تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىپ، توردا تىجارەت قىلغىلى بولىدۇ» دېدى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق نۇرگۈل ئىسمايىل ھاياجانلانغان ھالدا.

بۇ يىل 8 - ئايدا، ئىزچىل كىيىم - كېچەك سودىسى قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن نۇرگۈل قايتا - قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، بىر تور دۇكىنى ئېچىشنى قارار قىلدى ھەم ناھايىتى تېزلا تىجارەت كىنىشكىسى ئالدى.

«بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت قىلىشى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە جاسارەت بېغىشلىشىمىز كېرەك» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ جېڭشېڭ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەۋقەنى كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى كارخانىلاردا تەسىس قىلىنغان «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، بانكا ھېساباتى ئېچىش قاتارلىق يەتتە ئىشنى بىر يېرىم خىزمەت كۈنىدە بېجىرىپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرۇشلۇق جاي (تىجارەت سورۇنى)نى تىزىملاش چەكلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى كارخانا قۇرۇش مەخسۇس رايونى ئارقىلىق بېجىرگەن كەسىپ 45 مىڭ 944 كە، «بىر كىنىشكا كۆپ ئادرېس» بويىچە تىزىملاپ بېجىرگەن كېنىشكا 80گە، «تۇرالغۇنى سودا ئورنىغا ئۆزگەرتىش» بويىچە ئۇقتۇرغان، ۋەدە بەرگەن، تىزىملىغان كەسىپ 4339غا يەتتى.

«تىجارەت - سودا مۇھىتى بىر رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇ كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قوش گۇرۇپپا باشلىقى بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، قاتلام، دەرىجە ئارا، تارماقلار ئارا ماسلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەت، جەمئىيەت ئىناۋىتى قاتارلىق بازار ئىگىلىكى ئاساسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش» «بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش» قاتارلىق مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى تېزدىن ھەرىكەتكە كەلدى.

نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە تىزىملىكى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، X+18 تىجارەت - سودا مۇھىتىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى چۆرىدەپ، جەمئىي 104 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە بويىچە 232 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى بېكىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ھالدا كارخانا قۇرۇش، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق ئىجازىتى بېجىرىش، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار بولۇش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى قاتارلىق 18 تىجارەت - سودا مۇھىتىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى ساھەسىدە، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە توغرىلىنىپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئۈنۈمىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئىسلاھات قاتتىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇنىۋېرسال تىجارەت - سودا تەننەرخىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، ئاشكارا، ھەققانىي، ئادىل بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشىدۇ.

«بىز يەنە كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، سىياسەتنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى دەل جايىدا بولماسلىق، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزەپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىمىز.» شۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى سۈپىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.