تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى پەرۋىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دىڭ شياۋمىن: ئەلا سۈپەتلىك پەرۋىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاغرىقلارغا ئىللىق فاڭساڭ ئاتا قىلىمىز

 

 شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ D بۆلمىسى، دىڭ شياۋمىن بۆلمىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش ھارۋىسىنىڭ ئىشلىتىشكە تەق ھالەتتە ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمەكتە.

ليۇ فېن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن

  «بوۋا، كېچىدە ھاجەتخانىغا چىققىشتىن ئەنسىرىمەڭ، چاقىرسىڭىزلا، داۋالاش خادىملىرى چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن سىزنى ھاجەتكە ئاپىرىدۇ.» 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 23 لەردە، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ D بۆلمىسى 13- رايونىدا، دىڭ شياۋمىن قول چىراغ بىلەن ئاغرىقلارنىڭ ئۇخلاش ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتاتتى. ھەر قېتىم نۆۋەتچىلىك قىلغاندا ئۇ كېسەلخانىلارنى مۇشۇنداق كۆزىتىپ، چوڭلار ۋە بالىلار، ئاساسىي كېسىلى بارلار ۋە كەيپىياتى تۇراقسىزلارغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلەتتى.

  دىڭ شياۋمىن شەندۇڭ داشۆسى چىلۇ دوختۇرخانىسى دېجوۋ دوختۇرخانىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پەرۋىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى. بۇ ئۇنىڭ 2020 - يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن بۇيان 3 - قېتىم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قاتنىشىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ فاڭساڭ دوختۇرخانىسى، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىدە خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش خىزمەت تەجرىبىسى بار، ھەم فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدىكى يېنىك ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش تەجرىبىسى بار، بۇ قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئۇ پەرۋىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، بۇ دوختۇرخانىدىكى 34 پەرۋىش خادىمىنى باشلاپ بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلدى.

  فاڭساڭغا كىرگەن تۇنجى كۈنىلا، دىڭ شياۋمىن كۆپچىلىككە: «خىزمەتتە ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك» دەپ تاپىلىدى. ئۇ پەرۋىشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى تەپسىلىي رەتلەپ چىقتى، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: كېچىدە چىراغنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق؛ كېسەلخانىنى كۆزەتكەندە ئاۋايلاپ مېڭىش؛ بالىلار ئاتا ـ ئانىلىرى بىلەن بىللە دوختۇرخانىدا ياتقاندا، بۇ ئاغرىقلارغا چوڭ كارىۋات تەييارلاپ بېرىشنى ئۇنتىماسلىق؛ ياشانغانلار فاڭساڭغا كىرگەندە يۈك ـ تاقلىرىنى كارىۋىتىغىچە كۆتۈرۈشۈپ بېرىش؛ مېڭىشى قولايسىز ئاغرىقلارغا تاماق ۋە دورىلارنى كارىۋات بېشىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش؛ شىنديەنتۇ ئىشلىگەندە ئاغرىقلارنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش؛ ئاغرىقلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ نورمالسىزلىقىنى بايقىغاندا ۋاقتىدا پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلار.

  فاڭساڭدىكى ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە يېنىك ئاغرىقلار بولۇپ، بۆلمە ئىچىدىكى پەرۋىش خىزمىتى نىسبەتەن ئېغىر، پەرۋىش خادىملىرى ئاغرىقلاردىن خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش، ھەر كۈنى ئۆلچەش، خېسۇەن نەتىجىسىنى چۈشەندۈرۈش، ئۈچ ۋاق تاماق تارقىتىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، پەرۋىش خىزمىتى ئالدىراش ۋە ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلار كۆپ بولۇپ، دىڭ شياۋمىن ئەترەت ئەزالىرىدىن خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ئىنچىكە ئىشلەشنى، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنى ئەلا سۈپەتلىك پەرۋىش مۇلازىمىتى بىلەن قاپلاشنى تەلەپ قىلدى.

  12-ئاينىڭ 1-كۈنى، Dبۆلمىسىدىكى ئىككى ئاغرىق فاڭساڭدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئالاھىدە رەھمەت خېتى يېزىپ ئەترەت ئەزالىرىغا سوۋغا قىلدى، خەتتە: «سىلەر ئاغرىقلارنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىنى زىممەڭلەرگە ئالدىڭلار! سىلەرنىڭ ھەر بىر ئىللىق سالىمىڭلار قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سىڭىپ كىردى.»دەپ يېزىلغان ئىدى.

  «دوختۇرخانىمىزدىكى تۆت گۇرۇپپىنىڭ بىرەر گۇرۇپپىسى بۆلمە ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇ دەم ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، بۆلمە ئىچىدىكىلەرنىڭ تېلېفونىنى ئالالماي، خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشقا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.» دېدى شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ۋاڭ بېن. يەنە بىر ئەزا ۋاڭ خەيتىڭ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «ئۇ بىزنىڭ يۆلەنچۈكىمىز، بۆلمە ئىچىدە ئاۋارىچىلىققا يولۇقساقلا ئاۋۋال دىڭ گۇرۇپپا باشلىقىغا تېلېفون قىلىمىز، ئۇ چوقۇم ياخشى ماسلاشتۇرىدۇ.»

  دىڭ شياۋمىن ئەترەت ئەزالىرىدىن ئاساسىي پەرۋىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، يەنە جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاغرىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئەترەت ئەزالىرى نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۈچ قېتىم ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا جىددىي ئۆزگىرىش كۆرۈلگەندە، ئەترەت ئەزالىرى نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان دوختۇرغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە دەل ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئاغرىقنى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا بىخەتەر يۆتكەپ داۋالاتتى.

  «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، بۇ يەردىكى ئاغرىقلارمۇ بەك سۆيۈملۈك ئىكەن.» 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دىڭ شياۋمىننىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئورتاق غەلىبە قىلىش مېنىڭ ئۆزۈمگە قىلغان 37 ياشلىق تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىم.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.