تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممە كىشى ئانارنىڭ دانىسى

چۆچەك شەھىرى قارا دۆڭ مەھەللىسى:

ھەممە كىشى ئانارنىڭ دانىسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، چۆچەك شەھىرىنىڭ شىڭچېڭ كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسى ئاھالىسى سالىقجان ئىمىننىڭ ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، ئۇ ئۆيىدە مەھەللە كادىرلىرى، ھەر مىللەت ئاھالىلەرگە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەۋاتاتتى.

ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى 13 يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن سالىقجان تۇرۇشلۇق قارا دۆڭ مەھەللىسىدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق 14 مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، تىپىك كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ئىدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىتتىپاقلىق − كۈچ، ئىتتىپاقلاشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. قارا دۆڭ مەھەللىسىدە «ئىتتىپاقلىق» جانلىق ھەم ئېنىق ئىزاھلاندى.

ئاھالىلەرنىڭ ھويلىسىدا لېكسىيە سۆزلەش ئۈزۈلمىدى

«بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى ئانارنىڭ دانىسى، بىز پارتىيەنى سۆيىمىز، ۋەتەننى سۆيىمىز، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىمىز، گەرچە يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلالمىغان بولساقمۇ، لېكىن مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچ تارقىتىۋاتىمىز» دېدى سالىقجان.

سالىقجان ئىزچىل ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. ھەر قېتىم بايرامدا ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقاردى، يەنە دائىم پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى، قولۇم - قوشنىلار دائىم بۇ يەرگە جەم بولۇپ، تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، سالىقجان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. «ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىمەن» دېدى سالىقجان.

سالىقجان بوۋاي ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى بايان قىلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى، ئۆتكەن 10 يىلدا چۆچەكتە يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەر، تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ئەسلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى نەق مەيداندىكى ھەربىر كىشىنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى.

«سالىقجان تاغا لېكسىيەسىنى ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ جانلىق سۆزلىدى، نۇرغۇنلىرىنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز بۇ قىزىل ھويلىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، بۇ يەرنى ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان يېڭى بازا، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى قارا دۆڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ماھىرە ئىسرائىل.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان خەلق تۇرمۇشىغا دائىر يېڭى تەدبىر، سۈرەتلەپ بېرىلگەن خەلق تۇرمۇشى يېڭى مەنزىرىسى بىزنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھېس قىلغانلىرى ۋە ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىشنى ئويلايدۇ، بۇ قىزىل ھويلا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ياخشى جاي» دېدى مەھەللە ئاھالىسى ۋاڭ فۇلىن.

ھەممە كىشى مەھەللە خىزمىتىگە قاتناشتى

«مەن يېقىندا ئۆيدە بولالمايمەن، قوشنىلارنىڭ ئىشى بولسا ماڭا تېلېفون قىلسۇن» دەپ تاپىلىدى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاھالە مەريەم قادىر تېلېفوندا كېلىنىگە.

59 ياشلىق مەريەمنىڭ قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇرۇۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولدى، بالىلىرى قىش پەسلىدە ھاۋانىڭ سوغۇق بولىدىغانلىقىنى، كىچىك ھويلىدىكى قارلارنى تازىلاش كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ، قىش كىرگەندىن كېيىن مەريەمنى شەھەر مەركىزىدىكى بىنا ئۆيگە كۆچۈرۈپ قويدى، بىراق ئۇ قارادۆڭ مەھەللىسىدىكى قولۇم - قوشنىلىرىنى، بولۇپمۇ ياخشى سىڭلىسى ليۇ شياۋرۇڭنى ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇردى.

قارادۆڭ مەھەللىسىدە «مىليون يۈەنگە تېگىشكۈسىز ياخشى قوشنىلار» ھېكايىسى ئىزچىل تارقىلىپ كەلگەن بولۇپ، مەريەم بىلەن ليۇ شياۋرۇڭ دەل ھېكايىدىكى باش پېرسوناژ.

سوغۇق قىش كۈنلىرىدە، مەريەم پاختىلىق چاپان تىكىشنى بىلمىگەچكە، ليۇ شياۋرۇڭ بالىسىغا كىيىم تىككەندە مەريەمنىڭ ئىككى ئوغلىغىمۇ بىردىن تىكىپ بەردى؛ ئۇدا نەچچە كۈن قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ليۇ شياۋرۇڭنىڭ ئۆيىدىكى توخۇ، قويلارنىڭ يەم - خەشىكى ئۈزۈلۈپ قالاي دېگەندە، مەريەم ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ سېتىۋېلىپ، يەنە يامغۇرغا قارىماي ئۇنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەردى، ماشىنىدىكى بىردىنبىر سولياۋنى يەم - خەشەك يېپىشقا ئىشلەتتى، ئۆزى بولسا چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى... ئىككىيلەننىڭ تونۇشقىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، بۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ قەلبىگە بىر - بىرلەپ ئورناپ كەتكەنىدى.

«مېنىڭ بۇ ئاچام باشقىلاردىن ياردىمىنى ئايىمايدۇ! بۇ مەھەللىدە، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا ئۇنىڭغا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.» ليۇ شياۋرۇڭ مۇنداق دېدى: مەريەمنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ «يوقىلاڭ ئىشلار»غا ئارىلىشىپ باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان كىشىگە ئايلاندىم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەھەللە ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئۈلگىلەرنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئاھالىلەر ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش» تۈزۈمىنى يولغا قويدى، ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى بولسا مەريەمنىڭ ئۆيىگە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاھالىلەر قەرەللىك ھالدا ئۇنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، ئۆيىدىكى باش قېتىنچىلىقى، قوشنىلار ئارىسىدىكى كىچىك ئىشلار، تۇرمۇشتىكى قىيىن ئىشلار توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى...

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بىر جۈملە سۆز مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئۇ بولسىمۇ <خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش>تىن ئىبارەت.» مەريەم مۇنداق دېدى: «ئۇزاقتىن بۇيان مەھەللە تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ كەلدى، مەن بەزىدە قاتناشقۇچى بولدۇم، بەزىدە ياردەمگە ئېرىشكۈچى بولدۇم. دەل شۇنداق بولغاچقا، بۇ مەھەللىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاھالە ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، ئوتتۇرىمىزدىكى دوستلۇقمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بىر - بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەم بېرىپ، مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە تېخىمۇ بىر نىيەتتە بولىمىز، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىمىز».

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىندى

«پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر باھارگۈل ئۆگىنىش خاتىرىسىنىڭ كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدىغان ئورنىغا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ جۈملە سۆزنى يېزىپ قويغانىدى.

«بىز تىپىك بولغان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە، بىز ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچ ئىكەنلىكىنى، ئىتتىپاقلاشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىمىز.» باھارگۈل مۇنداق دېدى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەيمىز، «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ» دېگەن بۇ «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»نى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

قارادۆڭ مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە «ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى» باھالاش پائالىيىتىنى يىل بويى قانات يايدۇرۇپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياخشى كوچا» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياخشى بىنا» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياخشى ئولتۇراق رايون» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياخشى ئائىلە» «بەشتە ياخشى مەدەنىي ئائىلە» قاتارلىق بىر تۈركۈم تىپلارنى سايلاپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى بويىچە لېكسىيە سۆزلەپ، ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، تىپلار تۈرتكە بولىدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان ئىناق كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

ھەر قېتىملىق چوڭ - چوڭ بايراملاردا، قارادۆڭ مەھەللىسى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن «قوشنىلار بايرىمىدىكى يۈز ئائىلىلىك زىياپەت» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مەھەللىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاھالە كۆڭۈل قويۇپ ئۆزگىچە تائاملارنى تەييارلاپ، كۆپچىلىك خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شاد - خۇراملىققا چۆمدى.

باھارگۈل مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ئالاقە سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىنى ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە يېتەكلەپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «مەركەزداش چەمبەر»نى بارغانسېرى چوڭ سىزىپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.