تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

​شېنجوۋ 15- نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلاشتى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم «ئالەمدە ئۇچرىشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن بوشلۇق پونكىتى بىرىكمە گەۋدىسى ئۆزلۈكىدىن تېز ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، شېنجوۋ 15- نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسىدىن ئوربىتا بۆلمىسىگە كىردى. تۈرلۈك تەييارلىقلارنى تاماملاپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بېيجىڭ ۋاقتى 2022- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 7دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇزاقتىن تەلمۈرگەن شېنجوۋ 14- نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى «ئۆي ئىشىكى»نى ئوڭۇشلۇق ئېچىپ، يىراقتىن كەلگەن تۇغقانلىرىنىڭ «تيەنگۇڭ»غا كىرىپ ئورۇنلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئارقىدىن، «غەلىبىلىك ئۇچراشقان» ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىڭ «ئالەمدىكى يۇرت- ماكانى»دا تارىخ سەھىپىسىگە كىرگۈزۈلىدىغان ئوپچە ئالەم سۈرىتىگە چۈشتى.

     كەينىدىن، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ئالەم پونكىتىدا تۇنجى قېتىم ئوربىتىدا ئالماشتى. بۇ ئارىلىقتا، ئالتە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم پونكىتىدا تەخمىنەن بەش كۈن بىللە خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ۋە تاپشۇرۇپ بېرىش- تاپشۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى تاماملايدۇ.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى جاڭ ۋېي، ۋاڭ گاڭ، لى خاۋ، لىن لىن، لى شياۋدۇڭ، ليۇ جيې)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمېنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿不来提·肉孜

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.