تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، يەكشەنبە. لېكىن ئىدارىسىدە مەركەزلىك خىزمەت قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلان باشقارمىسىنىڭ كادىرى دېڭ يى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ كۈن ئىلگىرىكىدەكلا ئالدىراشچىلىقتا ئۆتتى: ئۆز باشقارمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىنىڭ ھۆججەتلىرىنى قوبۇل قىلىش، تارقىتىش، تەييارلاش ۋە چىقىرىشقا مەسئۇل بولدى ھەمدە باشقا ئىشلارنى بېجىردى.

تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلان باشقارمىسىنىڭ فۇنكسىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش سىياسىتى ۋە مۇھىم، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەش ھەم يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ سىستېما قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى، رايون يىرىك پىلانى، بوشلۇق يىرىك پىلانىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەزلىك خىزمەت قىلىدىغان ئىخچاملاشقان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قابىل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپا، سېلىنما - تۈر گۇرۇپپىسى، ئېنېرگىيە يۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» گۇرۇپپىسى، جەمئىيەت ئىشلىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئورگاننىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. دېڭ يى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلان باشقارمىسىنىڭ ئالتە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە كونا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نامايان قىلىشىمىز، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىدە نامايان قىلىشىمىز، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھالىتىدە نامايان قىلىشىمىز كېرەك» دېدى دېڭ يى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلان باشقارمىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك ئىستراتېگىيەنىڭ باسقۇچلۇق نىشانى ۋە كونكرېت ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى قۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق نۇقتىلىق بايلىقى ۋە كەسپىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى قۇرۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇش> <ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىمىز، كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى> بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ مۇھىم ئامىل تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يولغا قويۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك يىرىك پىلاننىڭ نىشان يۆنىلىشى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئىچكى لوگىكىدىكى يۈكسەك بىردەكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈچ دەرىجىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ بىر گەۋدىلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى دېڭ يى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايون مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي گەۋدە فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇھىم، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشى ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

«بىز تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەنى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان زامان - ماكاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك يىرىك پىلان بىلەن تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىنىپ جىپسىلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەم نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى، رايون يىرىك پىلانى ئارقىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم بوشلۇق تەرەققىيات ئەندىزىسى، بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش يۆنىلىشى ۋە مۇھىم، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى بوشلۇق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز» دەپ بىلدۈردى دېڭ يى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى يۆنىلىش، يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، دېڭ يى خىزمەتداشلىرى بىلەن تىرىشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.