تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، قاتناش تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بىر قېتىملىق سوغۇق ئېقىم شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆي سىرتى قار - مۇز بىلەن قاپلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈن شيەنكۇي دېرىزىدىن سىرتتىكى قېلىن قارنى كۆرۈپ سەل ئەندىشە قىلدى، «بىرقانچە نۇقتىلىق تۈرلەردە داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقانىدى، ئۇلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلىقىنى سوراپ باقاي».

سۈن شيەنكۇي ئىش ئۈستىلىدىكى تېلېفوننى ئېلىپ، بىرقانچە تۈر مەسئۇللىرىدىن بىر - بىرلەپ سوراپ، قۇرۇلۇشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، يېنىك تىنىپ مۇنداق ئەسكەرتتى: «ئىسسىنىشقا دىققەت قىلىڭلار، قىيىنچىلىق بولسا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىڭلار».

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» سۈن شيەنكۇي مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىزمەت جەريانىدا كۆپرەك پىكىرلىشىپ، كۆپرەك ئىش قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قاتناش تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىق، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىك».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىدا كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىش بولدى، ئون يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن تاشيول مۇساپىسى 62 مىڭ 200 كىلومېتىر بولۇپ، تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 217 مىڭ 300 كىلومېتىرغا يەتتى، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدى.

شىنجاڭنىڭ تاشيول تەرەققىياتىغا قارىتا، سۈن شيەنكۇي يەنىلا ئىستىقبالىنىڭ زورلۇقىنى ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى تۇتاشتۇرۇش، قىسمەن دۆلەت، ئۆلكە غول يوللىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار دەل قاتناش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىق».

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 82سى يولغا قويۇلدى، S254 لىنىيەسى لوپنۇر - چەرچەن تاشيولى، يېتىمبۇلاق - چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەر پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول 7500 كىلومېتىردىن ئاشتى، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ ھەم شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان يوللارنىڭ ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيتىلدى.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، تاشيول قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ماتېرىيال، ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىقلاردا توشۇش قىيىنچىلىقى مەۋجۇت بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى كۆپلىگەن جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر بىلەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تاشيول قۇرۇلۇشىغا بولغان قوللاش سالمىقىنى زورايتىشنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئەشيا ئوبوروتى ۋە قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق تاشيول تۈرلىرىنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت مەزمۇنى قىلىپ، تۈرلەردە ئىش توختاتماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

سۈن شيەنكۇينىڭ خىزمەت ئۈستىلىدە بىر خاتىرە دەپتەر بولۇپ، ئۇنىڭغا نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى، قىشلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى زاپاس ساقلاش، سىن يىغىنى، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش چېرتىيوژىنى تەستىقلاش سۈرئىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى خاتىرىلەنگەن...

«گۇەن شياڭ، ھەرقايسى تەۋەلىك رايونلاردىكى يېڭىدىن خېرىدارى ئېلان قىلىنغان بىرقانچە تۈرنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىش باشلاش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇڭ.» سۈن شيەنكۇي خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن خىزمەتدىشى گۇەن شياڭغا شۇنداق دېدى.

گۇەن شياڭ دەرھال شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۈر تەۋەلىك رايونلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا ئۇقتۇردى ھەم يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنى قۇرغۇچى ئورۇنلار بىلەن بىرمۇبىر ئالاقىلىشىپ، تۈرلەردە ئىش باشلاش تەييارلىق ئەھۋالى ۋە ماسلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەپسىلىي خاتىرىلىدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى خېرىدارنى ئېلان قىلىش، خېرىدارنى باھالاش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆلكە ھالقىپ يىراق مۇساپىلىك، باشقا جايدا ئېلان قىلىش، خېرىدار باھالاشنى يولغا قويۇپ، G219 لىنىيەسىدىكى موڭغۇلكۈرە - ئونسۇ، G680 لىنىيەسىدىكى تايكېشكېن - چاكۇرتى قاتارلىق بەش تۈرنىڭ 12 توختام بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ خېرىدارنى ئېلان قىلىش، خېرىدارنى باھالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى تاماملاپ، يېڭى تۈرلەرنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

«بىز كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان قاتناش بەرپا قىلىمىز» دېدى سۈن شيەنكۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.