ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر رېن جياڭ ئىختىيارىي مۇخبىرلار قۇۋانىش ناسقات، جاۋ يۇڭجيې خەۋىرى) كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى «يانچۇق كىتابى»ۋە تەشۋىقات قوللانمىسىنى سوۋغا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا بەھرىمەن بولالايدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى، بىر قېتىملىق قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى... بىر قانچە كۈندىن بۇيان، جېمىنەي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى كەسپىي تايانچلارنى تەۋەلىكتىكى كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ «سىياسەت يەتكۈزۈش، مۇلازىمەت يەتكۈزۈش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سىياسەت ئېففېكتىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
«بىز پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق» دېدى 11ـ ئاينىڭ 25ـ كۈنى جېمىنەي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى لېي.
جېمىنەي ناھىيەسى ۋاڭيۈەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئىشچىلار سېختا تۆگە گۆشى قېزىسىنى پىششىقلىماقتا.
چېن فېنفېن فوتوسى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جېمىنەي ناھىيەسى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ ناھىيە «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش» خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئىزچىل «ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تور سۇپىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىش ئورنى تەمىنلەش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «توردا + تور سىرتىدا» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، كارخانا، ئاممىنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە «ئىلتىماس قىلىشنى كەچۈرۈم قىلىپ شۇ ھامان بەھرىمەن قىلىش» «توردا ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىش» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ھالقىلارنى ئازايتىش، ۋاقىت چەكلىمىسىنى قىسقارتىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، ئىچكى قىسىمدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سانلىق مەلۇمات سۇپىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تايىنىپ، مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش ئېففېكتىنى گەۋدىلەندۈردى.
«ھازىر تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز >ئىلتىماس قىلىشنى كەچۈرۈم قىلىپ شۇ ھامان بەھرىمەن قىلىش <تىن ئىبارەت ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، يەنە بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش، كارخانىلار قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق، ياردەم پۇل سوممىسى 120 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخ بېسىمىنى يېنىكلەتتى، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى» دېدى جېمىنەي ناھىيەسى ۋاڭيۈەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شى ليەنسېن.
ھازىرغا قەدەر، جېمىنەي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىش ئورنى ئۇچۇرىدىن 47 سان ئېلان قىلىپ، 1524 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى؛ توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدىن 27 مەيدان قېتىم قانات يايدۇرۇپ، 856 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەندى؛ 2 مىليون 129 مىڭ يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى 755 مىڭ 600يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى، 125مىڭ يۈەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغىنى نەقلەشتۈرۈپ، 90 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا،2489 ئىشچى ـ خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزدى.