تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قەلب ساداسى | ياڭ لېي: باتۇرلۇق بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «باشلامچى»لىرىدىن بولىمەن

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن

  «2017-يىلى، مەن ئىلتىماس قىلىپ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى تاغئېرىق كەنتىدە بىر يىل تۇرۇپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدۇم. 2021-يىلى، مەن يەنە بىر قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى ئۇنتام كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى بولدۇم. ئىككى قېتىملىق كەنتتە تۇرۇش كەچۈرمىشىم مېنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش> توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى» دېدى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى ئۇنتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ياڭ لېي.

  ياڭ لېي(ئوتتۇرىدا) كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شىنمېي ئوغۇتلىشىغا ياردەملەشمەكتە.

سۈرەتنى ياڭ لېي تەمىنلىگەن

  «يېڭى دەۋردە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا.» ياڭ لېي مۇنداق دېدى: 1-شۇجى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «باشلامچى» بولغان ئىكەن، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچلۈك قۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى بەرپا قىلىش»نى نىشان قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «بەشكە ياردەم بېرىش، سەككىزگە يېتەكچىلىك قىلىش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش بويىچە قوشماقلىشىش، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەممىنى ئۆگىتىش، كەنت كادىرلىرىنىڭ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ داۋاملىق بېيىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئۇنتام كەنتىدە تۆت كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، جەمئىي 162 ئائىلە، 633 ئادەم بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇنتام كەنتى يېزا-كەنت سېخى ۋە خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، «بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش»قا ئەھمىيەت بېرىپ، «ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەنتنىڭ مال-مۈلكى ۋە بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىم بولۇشى، كەسىپنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى، بېيىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتلەردىن گۈللىنىشىگە پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم.

  «مەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، ھەر ۋاقىت نىشان-ۋەزىپىگە سېلىشتۇرۇپ، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئىجادكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ <باشلامچى>لىرىدىن بولىمەن.» ياڭ لېي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك باغۋەنچىلىك، ماركىلىق باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەم يېزا-كەنت سېخى، خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باشقۇرۇش سەۋىيەمنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇپ، ماركا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا-كەنت مۇھىتىنى تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ھەقىقىي تۈردە بەختلىك ماكان، گۈللۈك باغ، مېۋىلىك باغ، شادلىق باغچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.