تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

ما جۇڭياڭ:

ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «دۆلەتنىڭ مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويۇشىمىز كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بېيىتىپ، <تۆت ساراي، بىر مەركەز> ۋە ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پونكىتى، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، مەدەنىيەت مەيدانىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان، ئىستىراھەت قىلىدىغان ـ كۆڭۈل ئاچىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇش كېرەك» دېدى 11 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ما جۇڭياڭ.

ھازىر قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ ئىچىنى بېزەش ۋە كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىدا ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇشقا 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، تارىخ زالى، تەبىئەت زالى، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى زالى، سودا زالى قاتارلىق ئالتە كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلىنغان.

ما جۇڭياڭ مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېي پۈتكەندىن كېيىن، قىزىلسۇ ئوبلاستنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوبلاستنىڭ «تۆت ساراي، بىر مەركەز» (كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەركىزى) ۋە ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى، يېزا ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىلىرىغا تايىنىپ، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز.

بۇ يىل پۈتۈن ئوبلاستتىكى ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى، مەدەنىيەت يۇرتلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ئەدەبىيات ـ سەنئەت شۆبە ئەترىتىدىن 12نى قۇرۇپ، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي قانات يايدۇردى. تور ۋە تور سىرتىدا مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن 400 مەيداندىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈپ، 130 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى.

ئوبلاست يەنە «<ماناس>قا ۋارىسلىق قىلىش ـ قوغداش يىرىك پىلانى (2016 ـ يىلىدىن 2026 ـ يىلىغىچە)»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ماناسچىلار جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، ماناس ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى تەشكىللەپ، «ماناس» ناخشا ـ ئۇسسۇللۇق ئوپېراسىنى قايتا ئورۇنلاش ھەم دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدا سەييارە ئويۇن قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گۆھىرىنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.