تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا بىڭتۇەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 2717نى يولغا قويدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، بىڭتۇەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 2717نى يولغا قويۇپ، ھاسىل قىلغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئەمەلىي مىقدارى 85 مىليارد 560 مىليون يۈەن بولۇپ، يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ %90.4ىنى تاماملىغان.

11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، بىڭتۇەن 4 ـ شى كۆكدالا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان كۆكدالا ئەنچى ئېچىتقۇ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش تۈرى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، بىز ئىزچىل مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى.

بىڭتۇەن 4 ـ شى كۆكدالا شەھىرى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە مۇھىم، زور كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيەتلىرىنى پائال ئۆتكۈزۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش كەسىپ زەنجىرى خەرىتىسىنى تۈزۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال، ئاليۇمىننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ زەنجىر بەرپا قىلىش، زەنجىرنى تولۇقلاش شەكلىدىكى سودىگەر چاقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشىغا نۇقتىلىق تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، بۇ شى، شەھەر سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 219نى يولغا قويۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 6 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك ئەمەلىي بۇيۇم مىقدارىنى شەكىللەندۈردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، تەرەققىيات رايونلىرى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، سودىگەر چاقىرىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، تور ۋە تور سىرتىدا تەڭ كۈچەپ، «بۇلۇتتا سودىگەر چاقىرىش» «بۇلۇتتا تونۇشتۇرۇش»، ھاۋالىلىك سودىگەر چاقىرىش، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ نورمال، مۇقىم قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەمكارلىشىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يولغا قويۇلۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك كەسىپ تۈرلىرىنى ئىلمىي پىلانلىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش مۇھىم، زور تۈرىدىن 135نى يولغا قويۇپ، 28 مىليارد 260 مىليون يۈەنلىك ئەمەلىي بۇيۇم مىقدارىنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.