تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل بايراق كەنتى خاس كەسىپلەرنى سىجىل كۈچەيتتى

كۆچكەندىن كېيىن −

قىزىل بايراق كەنتى خاس كەسىپلەرنى سىجىل كۈچەيتتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

باش قىش مەزگىلىدە، نىيە ناھىيەسىنىڭ سالغۇزەك يېزىسى قىزىل بايراق كەنتىنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىلا ئۇرغۇپ تۇراتتى. ناشتا قىلىپ بولۇپ، مەتروزى ئوسمان توكسىكلىتىنى مىنىپ، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان قوي بورداش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى باقمىچىلار ئەتىگەنلا ئالدىراش بولۇپ، قوي قوتىنىنى تازىلاپ، يەم ـ خەشەك بېرىۋاتاتتى. ئوت ـ چۆپ يەۋاتقان قويلار توپىغا قاراپ، مەتروزى كۆچۈشتىن بۇرۇنقى مەنزىرىنى ئىختىيارسىز ئېسىگە ئالدى.

«ئىلگىرى ھەر قېتىم خوتەن شەھىرىگە قوي ساتقىلى بارساق، ئاپتوموبىل بىلەن يەتتە ـ سەككىز سائەت يول يۈرەتتۇق، يايلاق كۆچكەندە بىز قوي پادىسىنى ھەيدەپ پىيادە ماڭاتتۇق. كۈنلىرىمىز ناھايىتى جاپالىق ئىدى.» مەتروزى مۇنداق دېدى: «ھازىر ئوخشىمايدۇ، قويلارنىڭ ھەممىسىنى يايلاققا <ئاپتوموبىللىق> كۆچۈرىمىز، چارۋا ۋە ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى جاپا تارتمايدۇ، ھەم بىخەتەر، ھەم تېز. بۇ يىل يۇقىرى سۈرئەتلىك يولمۇ تۇتاشتۇرۇلدى، خوتەن شەھىرىگە بېرىشقا ئۈچ سائەتتىن كۆپرەكلا ۋاقىت كېتىدۇ، ئەتىگەندە بېرىپ كەچتە قايتىپ كېلەلەيمىز».

قىزىل بايراق كەنتى نىيە ناھىيە بازىرىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بۇ يەردە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسى ۋە كوئېنلۇن تېغى چارۋىچىلىق رايونىدىن كۆچۈرۈلگەن 302 ئائىلىلىك 963 كىشى تۇرىدۇ.

قىزىل بايراق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئادىل ئەخمەت مۇنداق دېدى: «كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، قىزىل بايراق كەنتى ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتى، ياخشى سىياسەتلەر ئارقا ـ ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلدى، چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى تەكلىپ قىلىنىپ باقمىچىلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى قانات يايدۇرۇلدى، باقمىچىلىق كەسپى كۆلەملىشىش، ئۆلچەملىشىش، كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى».

بۈگۈنكى كۈندە، قىزىل بايراق كەنتىدىكى ھەممە ئائىلە قوي باقىدىغان بولدى، بېقىلىۋاتقان چارۋىلارنىڭ سانى 32 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق بولۇپ، ھەربىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 تۇياقتىن توغرا كېلىدۇ.

قىزىل بايراق كەنتىدىكى قوي بېقىش ماھىرى مەتروزى ئائىلىسى 1000 تۇياق خوتەن قويى باقتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ قوي بورداش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان بولۇپ، يېڭى نەسىللىك كۆپ تۆللەيدىغان قوي بېقىۋاتىدۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر يىلى 13 مىڭ تۇياق قوي سېتىپ، ئالتە كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 100 ئائىلىنىڭ نەپكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. كىرىمى ئاشقاچقا، مەتروزى يەنە بىر يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. «ئۆيدە چارۋا توشۇيدىغان چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ۋە پىكا ئاپتوموبىلى بار، بۇ قېتىم پىكاپ سېتىۋالدىم» دېدى ئۇ.

ئادىل مۇنداق تونۇشتۇردى: «كەسىپ + ئىگىلىك تىكلەش» ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى چۆرىدەپ، قىزىل بايراق كەنتى شىنجاڭ باۋمىن فۇفېڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە نىيە ناھىيەسى يۈەنفېڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كىرگۈزۈپ، 2000 مو يەرنى مەركەزلىك ئوبوروت قىلىپ، 60 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، 60 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەسلىدىكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنى ئۆز جايىدا دېھقان ـ چارۋىچىلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسىغا ئۆزگەرتىپ، تاللا بازىرى، ئاشخانا، پەردازخانا قاتارلىق 18 كىچىك دۇكان ئاچتى، 20 كىشى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2021 ـ يىلى قىزىل بايراق كەنتىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 15 مىڭ يۈەن، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 370 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلارنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەشتىكى «گۈزەل يېزا ـ كەنت» بولۇپ باھالاندى.

2011 ـ يىلىدىن ئىلگىرى، ئايزىمگۈل تۇردى بىر ئائىلە كىشىلىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان قاپاق ئاسقان كەنتىدە تۇراتتى. بۇ كەنتنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار بولۇپ، پۇقرالارنىڭ كۆپىنچىسى مال بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى توك، سۇ تۇتاشتۇرۇلغان ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى.

«ئىلگىرى ناھىيەدە ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلارنى قىلاتتىم، كىرىمىم مۇقىم ئەمەس ئىدى. بالىلىق بولغاندىن كېيىن، كەنتكە قايتىپ كىچىك دۇكان ئېچىۋالدىم، تىجارەت ياخشى چاغلاردا ئايلىق سېتىش سوممىسى 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. مەن يەنە بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ تور سودىسى قىلدىم، بەش يىل بولدى، كىرىمىممۇ يامان ئەمەس. ئېرىم سانجىدىكى بىر قۇرۇلۇش شىركىتىدە ئىشلەيدۇ، ئايلىق كىرىمى 8000 يۈەن.» ئايزىمگۈل پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ـ كەنت خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.» ئادىل مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنتىمىز خاس كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە گۈزەل يېزا ـ كەنتكە تايىنىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، ئۆرپ ـ ئادەت كوچىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.