تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قۇملۇقنىڭمۇ «تېرىسى» بار، بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟

سىكاننېرلاپ سۈرەتلىك مەزمۇننى كۆرۈڭ

بىپايان قۇملۇقتا بىرنەچچە تامچە سۇ تامچىلىسا، بىر پارچە قاپقارا بەلكىم قۇرۇپ كەتكەن ئۆسۈملۈكنىڭ بىرنەچچە سېكۇنت ئىچىدە قارا رەڭدىن يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ، تېز سۈرئەتتە يوپۇرماق چىقىرىپ قايتا ئەي بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىسە، ھېچكىم بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىلمىي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ پاكىتنىڭ سىرىنى ئاچتى.

ئاشۇ بىر پارچە قاپقارا، بەلكىم قول بىلەن مىجىسىلا ئۇۋۇلۇپ كېتىدىغان «نەرسە»، بىيوقاسراق دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ خۇددى «تېرە»گە ئوخشاش قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ يۈزىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قاسراق قەۋەت مەۋجۇت بولغاچقا، ئون بالدىن يۇقىرى بوران چىقسىمۇ، يەر يۈزىدىن ئاسانلىقچە قۇم كۆتۈرۈلمەيدىكەن، شۇڭا ئوبرازلىق قىلىپ قۇملۇقنىڭ «تېرىسى» دەپ ئاتالغان.

قۇملۇقنىڭ «تېرىسى» ئادەمنىڭ تېرىسىگە ئوخشاش سۈمۈرۈش، چىقىرىش، ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىپلا قالماي، چۆل ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ، يەنە «رەڭ ئۆزگەرتەلەيدۇ».

شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ يۈەنمىڭ 20 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ مەخپىيەتلىكنى تاسادىپىي بايقىغان، شۇنىڭدىن كېيىن قۇملۇقنىڭ «تېرىسى»نىڭ سىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ بايقىشىچە، «رەڭ ئۆزگەرتىش»نىڭ سەۋەبى قاسراق قەۋەتنى تۈزگەن ئەۋزەل تۈر − قۇم قاسراق ئۆسۈملۈكلىرى ئىكەن، بۇ سىرتقى مۇھىتتىكى سۇنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن سەزگۈر بىر خىل جانلىق ئىكەن.

قۇرغاقچىلىق كۆرۈلۈپ سۇ كەمچىل بولغان ئەھۋالدا قۇم قاسراق ئۆسۈملۈكلىرى ئۇيقۇ ھالىتىدە بولۇپ، قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، ئەگەر پايدىلىنىشقا بولىدىغان سۇ بىلەن ئۇچرىشىپلا قالسا، بىرنەچچە سېكۇنت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە يوپۇرماقلىرىنى ئېچىپ، قارا رەڭدىن يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇم قاسراق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر سۇسىزلىنىش نىسبىتى %98كە يەتكەندىمۇ سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن قۇرۇپ كەتمەيدىكەن، «قۇرۇپ كەتسىمۇ ئۆلۈپ قالماسلىق، ئۆلۈپ قالسىمۇ قايتا كۆكلەش» ئۇلارنىڭ يەنە بىر نامى ئىكەن.

بۇ «تېرە» قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى بىر مىللىمېتىردىن بەش سانتىمېتىرغىچە بولۇپ، تۈزلىرىمۇ، پۈرلەشكەنلىرىمۇ، قارا رەڭدىكىلىرىمۇ، سېرىق رەڭدىكىلىرىمۇ بار، گەرچە كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا مول مەنا بار: يەككە ھۈجەيرىلىك جانلىقلار، شۇنداقلا كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلارمۇ بار؛ يىپسىمانلىرىمۇ، كاللەكسىمانلىرىمۇ بار، يەنە يىلتىز، غول ۋە يوپۇرماققا ئايرىلىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرمۇ بار، مەسىلەن، مۇخ قاتارلىقلار.

قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىدا قۇرغاقچىلىق، سۇ كەمچىل بولۇش، يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ جانلىقلار نېمە ئۈچۈن قۇملۇقتا ياشىيالايدۇ؟

پەن تەتقىقات خادىملىرى «تېرە» ئىچىدىكى ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىدىغان قۇم قاسراق ئۆسۈملۈكلىرى تۈرىدىكىلەر − چىشلىق قوۋۇرغىسىمان قىزىل مۇخ ۋە كۈمۈش يوپۇرماقلىق مۇخ تەتقىقاتى ئارقىلىق، بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسېنتىز ئېلىپ بېرىپ، «ئۆزىنى ئۆزى قامداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

ئاتموسفېرا تەركىبىنىڭ تەخمىنەن %78ى ئازوت گازى، ئەمما بۇ ئازوت گازىنى ھەرگىز ئۆسۈملۈكلەر بىۋاسىتە ئىشلىتەلمەيدۇ. پەقەت ئۇنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىنلەپ، پايدىلىنىشقا بولىدىغان بىرىكمىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتكۈل قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ يەر ئۈستىدىكى بىيولوگىيەلىك قاسراق قەۋەت يىلىغا تەخمىنەن 4500 توننا ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالايدىكەن. شۇڭا، ئالىملار بۇ ئۇششاق، مىكرو جانلىقلارنى «تەبىئىي يېشىل ئوغۇت» دەپ ئاتىغان، بۇلار تېيىز يىلتىزلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

تەتقىقاتتا يەنە «تېرە»گە يوشۇرۇنغان بۇ قۇم قاسراق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئۆزىدە «ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى» بارلىقى بايقالدى. ئەسلىدە، بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق قىسمىنىڭ ئۇچىدا ئاق رەڭلىك قىلتىرىق ئۇچ بار بولۇپ، كۈچلۈك نۇر ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى قايتۇرۇپ، ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ گەۋدىسىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كۆيۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، بۇ خىل ئاق رەڭلىك قىلتىرىق ئۇچ يەنە ھاۋادىن سۇ مولېكۇلىلىرىنى قوبۇل قىلالايدۇ، ئۇلار سۇ سۈمۈرگەندە «يىلتىز»نى ئىشلەتمەي، بەلكى قىلتىرىق ئۇچ ئارقىلىق «يۇقىرىدىن تۆۋەنگە» سۇ سۈمۈرىدىكەن.

قۇملۇق «تېرىسى»نىڭ سىرى بۇلارلا ئەمەس. شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ داۋيۈەننىڭ كوللېكتىپى گېن تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ قۇم قاسراق ئۆسۈملۈكى تۈرىدىكىلەرگە قارىتا مولېكۇلا قاتلىمىدىكى ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىق تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، بۇ كىچىككىنە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدە نۇرغۇن قىممەتلىك بولغان ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك گېن بايلىقى بارلىقىنى، قۇرغاقچىلىققا، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرىش قاتارلىق ناچار مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سورتىنى ياخشىلاش جەھەتتە كەڭ قوللىنىشقا بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.