ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى:
يېڭى دەۋردە شىنجاڭدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز؛ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى توغرىسىدىكى يېڭى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان شەرەپلىك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى قەتئىي زىممىمىزگە ئالىمىز؛ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر خۇ كەيجياڭ.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى ۋە زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق، «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولى گەۋدىلەندى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، بىخەتەرلىك، تەرەققىياتنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يەڭدى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا «مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش»تەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى، ساپ مۈلۈك، تىجارەت كىرىمى، پايدا ئومۇمىي سوممىسى، يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان باج - ھەق قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە داۋاملىق ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ھالىتى ساقلاندى. 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مالىيە تېز مەلۇم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن 971 دۆلەت كارخانىسى ھەم دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 541 مىليارد 766 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى؛ ساپ مۈلكى 1 تىرىليون 199 مىليارد 789 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.7 ئاشتى.
خۇ كەيجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشتىن - ئاخىر كۈچەيتىپ، كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى، رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈكلۈك، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە كۆلەم ئۈنۈمى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە باشلامچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىلارنى قۇرۇش، دۇنيادىكى يېڭى 500 كۈچلۈك كارخانىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.