تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈردى

قاتناشنىڭ «ئاخىرقى ئۇچى»دىن بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ «شىنجاڭغا كىرىشتىكى تۇنجى بېكىتى»گە ئايلانغان باي يېزىسى يېڭى يىپەك يولى مەھەللىسى −

​مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي   ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ياخۇي

11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ باي يېزىسى يېڭى يىپەك يولى مەھەللىسىدە قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا، G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا يېقىن بۇ مەھەللە تىنچ، خاتىرجەملىككە چۆمگەنىدى.

يېڭى يىپەك يولى مەھەللىسى باي يېزىسىدىكى بىردىنبىر مەھەللە. قاتار - قاتار يېپيېڭى بىنالار رەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، پاكىز، رەتلىك ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە دېھقانلار ئارامگاھى يېپيېڭى تۈسكە كىرگەنىدى، ئۆيلەرنىڭ ئالدى - كەينى دەل - دەرەخلەر بىلەن قاپلانغانىدى. ئاساسىي كوچىدىن قارىغاندا، مەھەللىدە ئادەملەر ئاندا - ساندا كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، پەقەت ئاھالىلەر رايونى ۋە ئائىلىۋى مېھمانخانا رايونىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىس - تۈتەكنىلا كۆرگىلى بولاتتى.

«كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەك ئالدىراش، بەزىلىرى ناھىيەدىكى سانائەت باغچىسىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەيدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئاندىن قايتىپ كېلىدۇ؛ بەزىلىرى پەن - تېخنىكا قىشلىق كۇرسىغا قاتنىشىۋاتىدۇ، بەزىلىرى باقمىچىلىق رايونىدا ئىشلەيدۇ، يەنە بەزىلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدا ئالدىراش. كۈندۈزى كوچىدا ئادەم كۆپ ئەمەس» دېدى باي يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىڭ يۈنجى.

باي يېزىسى ئاراتۆرۈك ناھىيە بازىرىغا 50 كىلومېتىر كېلىدۇ، چەت جايغا جايلاشقان بولغاچقا، ئىلگىرى قاتناش ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. 20 نەچچە يىل ئىلگىرى يېزىدا بىرمۇ تۈزۈكرەك يول يوق بولۇپ، يۇرتداشلار ناھىيە بازىرىغا بېرىش ئۈچۈن يېرىم كۈن ئاتلىق ماڭاتتى. كېيىن، قومۇل چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى باي چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ياردىمىدە، باي يېزىسىدا ناھىيە بازىرىغا تۇتىشىدىغان تاشيول ياسىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ شەھەرگە كىرىشى تەس بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. بۇ يولنى دېھقان - چارۋىچىلار «ساقچى - خەلق ئىتتىپاقلىق يولى» دەپ ئاتىدى.

يول راۋانلاشتى، باي يېزىسى بېكىنمە ھالەت بىلەن خوشلىشىپ، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشىۋالدى. كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى، دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلىدى، يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللاندى... چۆل يەنىلا شۇ چۆل، ئەمما كەنتنىڭ كونا قىياپىتى ئۆزگىرىپ يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، باي يېزىسى بۇ چوڭ يولدىكى «شىنجاڭغا كىرىشتىكى بىرىنچى بېكەت»كە ئايلاندى، يېڭى يىپەك يولى مەھەللىسى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى.

«ئىلگىرى، بىزنىڭ بۇ يەر قاتناشتىكى <ئاخىرقى ئۇچ> بولۇپ، تەرەققىياتى ئاستا، پىشىپ يېتىلگەن كەسىپلەر كەمچىل، كىرىمنى ئاشۇرۇش زاپاس كۈچى يېتەرسىز ئىدى. ھازىر بىزنىڭ تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمىز بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلاندى. بىزنىڭ بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان غول پىيازنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى ئون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە دېھقانلار ئارامگاھلىرىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ» دېدى يېڭى يىپەك يولى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىبراھىم ئابدۇل.

باي يېزىسى جۇڭخې تۆگە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا، مەيدان مەسئۇلى نۇرئەلى قاسىم ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئارا تۆرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇزكۆل بازىرىدىكى تۆگە سۈتى زاۋۇتىغا بېرىپ تۆگە سۈتلىرىنى سېتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 1000دىن ئارتۇق تۆگە باقتۇق، ھەر كۈنى پەقەت تۆگە سۈتىدىنلا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى مەھەللە كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگەندۇق، ئۇنىڭدا يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش تىلغا ئېلىنىپتۇ. كوپىراتىپ ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 300 تۆگە كۆپەيتىپ، تۆگە باقمىچىلىقىنى زورايتىشنى پىلانلىدۇق» دېدى نۇرئەلى.

باي يېزىسىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، كارىز مەنزىرە رايونى، ئەسكەرلەر قەدىمىي شەھىرى خارابىسى قاتارلىقلار بار. ھەر يىلى 6 - ئايدا باي يېزىسى كارىز مەنزىرە رايونىدا بۇلاق بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇدا 13 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باي يېزىسى كارىز مەنزىرە رايونىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كىنو بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

«ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ بىز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى.» لىڭ يۈنجى مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، دېھقان - چارۋىچىلار ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، يېزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھويلا - ئارانلارنى بەس - بەستە ئۆزگەرتتى، قاتار كەتكەن قورۇلار ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە دېھقانلار ئارامگاھىغا، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

كەنت ئاھالىسى گۈلبەھرەم ياقۇپ يېڭى يىپەك يولى مەھەللىسىدىكى قىزىل كوچىدا بىر ساياھەت قورۇقىنى ئاچقان. بۇ بىرنەچچە كۈندە ھاۋا ئوچۇق بولغاچقا، ئۇ سۈرلەنگەن گۆش ۋە قېزا پىششىقلاش بىلەن ئالدىراش بولدى. «بۇ بىرنەچچە يىلدا كىرىمىمىز يامان ئەمەس بولدى، ئائىلىمىزدىكىلەر مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، قورۇقنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ، تىجارەتنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدۇق، نۆۋەتتە تەخمىنەن 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدۇق» دېدى گۈلبەھرەم.

«كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە ئەسكەرلەر قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى ياخشى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى كۈچەيتىمىز.» لىڭ يۈنجى مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، بىز بىر تەرەپتىن قوغداشنى كۈچەيتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن خارابىلىكنى دەۋرگە ئايرىش تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ، بۇ خارابىلىكنى باي يېزىسىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىمىز».

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە باي يېزىسى شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاشيول قاتناش تۈگۈنىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. كەلگۈسى تەرەققىياتقا قارىتا ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى» دېدى لىڭ يۈنجى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.