تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز

ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەسىدىكى زاتلار:

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەسىدىكىلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، بولۇپمۇ «مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەت بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىز مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، <يىپەك يولىدىكى تاغ - دەريا، گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستى> ماركىسىنى يارىتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەت جەلپ قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىمىز.» بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ شۇيىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بايىنغولىن ئوبلاستى مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى چوڭ ئوبلاستى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، زاپاس كۈچى يېتەرلىك. بايىنغولىن ئوبلاستى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ بايىنغولىن ئوبلاستىنى خاس ساياھەت بازىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغراش كۆلى پۈتۈن رايون ساياھىتى مەخسۇس تۈر ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىدۇ. ھازىر بار بولغان مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خاس مەنزىرە نۇقتىسى بەرپا قىلىش، ساياھەت يولى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «ئۈچكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى بىزنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.» تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چەي خۇڭخۇا مۇنداق دېدى: تارباغاتاي ۋىلايىتى ساياھەتنى ۋاسىتە قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەتنى ساياھەتتىكى «يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»تىن ئىبارەت ھەرقايسى مۇھىم ئامىللارغا سىڭدۈرۈپ ۋە گەۋدىلەندۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، پائالىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، تۈرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، لىنىيەنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ماي بوياق رەسىمدەك تارباغاتاي» مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما ماركىسىنى يارىتىدۇ.

«بىز مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ھەمتۈرتكە بولۇشى، قوش پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت يېتەكچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاۋ شيۇخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: جەمئىيىتىمىز «مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەت بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش»نى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت مەدەنىيلىكى كۆزنىكىدىكى ساياھەت يېتەكچىلىرى مۇلازىمەت خىزمىتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىش، ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، ئادىمىيىتى، تارىخى، ئۆرپ - ئادىتى قاتارلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، مەدەنىيەت − نېگىز، روھ؛ ساياھەت − ۋاسىتە، ھېس قىلىش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساھەسى بۇ ئىككىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.