ۋاڭ تيېخۇڭ:
ئاممىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشكە بولغان يېڭى ئېھتىياجى، يېڭى ئۈمىدىگە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن
«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سوت مەھكىمىسى خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى كۆزلەش ئاساسىي مەقسىتىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خىزمەتنى ئەستايىدىل، پۇختا ئىشلەپ، ئاممىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشكە بولغان يېڭى ئېھتىياجى، يېڭى ئۈمىدىگە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرىمەن» دېدى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئالاتاۋ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ تيېخۇڭ.
ئالاتاۋ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ماجىرالارنى دەۋادىن بۇرۇن ھەل قىلىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىپ، قانۇننىڭ ھەيۋىسىنى قوغداپ، قانۇننىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈردى. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ سوت مەھكىمىسى كارخانىلارنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشكە بولغان تەلىپىگە قارىتا، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان دېلولارغا «يېشىل يول» ئېچىپ بەردى، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ دەۋا دېلولىرىنى ئالدىن تىزىملاپ، ئالدىن دېلو تۇرغۇزۇپ، ئالدىن بېجىردى، پۇقراۋى كارخانىلارغا چېتىلىدىغان 63 دەۋا دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلدى، 49 ىنىڭ دەۋا ھەققىنى كېچىكتۈردى، كەچۈرۈم قىلدى.
بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ۋاڭ تيېخۇڭ تور ئارقىلىق بىر قۇرۇلۇش توختامى ماجىراسىنى ئوڭۇشلۇق مۇرەسسە قىلىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا بۇرۇنقى ئاداۋەتلىرىنى تۈگىتىپ، كېلەر يىلى داۋاملىق ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ھازىر بىزنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىمىز تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.» ۋاڭ تيېخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، باشتىن - ئاخىر قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئاساسىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە جەھەتتىن سوت قىلىش فۇنكسىيەمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەۋانى مەنبەدىن تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ھەربىر دېلونى «قانۇن، قائىدە، مېھىر - مۇھەببەت» ئارقىلىق ياخشى بېجىرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئېھتىياجىغا پائال جاۋاب قايتۇرىمەن.