تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى قوش ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىدا قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 26 مىليون 923 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 33 مىليارد 534 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان.

«تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل تارىم نېفىتلىكىنىڭ سۇيۇق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.» جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش بۆلۈمى ئىشلەپچىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى ئون ئايدا نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 27 مىليون 360 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 140 مىڭ توننا ئاشتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئاشقان نېفىت - تەبىئىي گاز مىقدارى 3750 توننا بولدى. 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنىگە قەدەر، تارىم نېفىتلىكىنىڭ بۇ يىللىق نېفىت سۇيۇقلۇقى مەھسۇلات مىقدارى 6 مىليون 513 مىڭ توننىغا يەتتى. بۇ سانلىق مەلۇمات 2008 - يىلىدىكى يىلىغا 6 مىليون 450 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش تارىخىي رېكورتىدىن ئېشىپ، تارىم نېفىتلىكى بىرلەشمە جېڭىنىڭ 33 يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى رېكورتىنى ياراتتى.

بۇ يىل، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدى. ئالدىنقى ئون ئايدا، غەربىي شىمال نېفىتلىكى جەمئىي ئىشلەپچىقارغان نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ سۇندۇرۇپ ھېسابلانغان ئېكۋىۋالېنتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 900 مىڭ توننىغا يېقىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشتى.

پۈتۈن يىللىق نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، كېلەر يىللىق مەھسۇلات مىقدارىدا يۇقىرى ئورۇندىن قەدەم ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھازىر، شىنجاڭ نېفىتلىكى قىش پەسىللىك مەھسۇلات مىقدارىنى مۇقىم قىلىش قىزغىن ئەمگەك مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرماقتا. جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىجرائىيە مۇدىرى ياڭ لىچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى قىشلىق نېفىت - تەبىئىي گاز كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 40 مىڭ توننا بولۇش نىشانىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ يىل 14 مىليون 420 مىڭ توننا نېفىت، 3 مىليارد 820 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملايدۇ.

نېفىت - تەبىئىي گاز سانائەتنىڭ ئېشىشىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ». ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ 1.1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا بايلىق، ئېنېرگىيە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى بولۇپ، شىنجاڭ سانائىتىنىڭ ئېشىشىدا ناھايىتى ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينىدى» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى نېفىت - نېفىت خىمىيە ۋە نېفىت رايونى خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى رېن يۇڭجېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.