تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بەختلىك مەھەللە بەرپا قىلىمىز

ما ۋېن:​

ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بەختلىك مەھەللە بەرپا قىلىمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جىڭ فاڭ

«مەن جەنۇبىي رايوندىكى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى ئىلتىماس قىلدىم، يېقىن ئەتراپتا خىزمەت تاپقۇم بار» «مېنىڭ كالا، قوي گۆشى دۇكىنى ئاچقۇم بار»... يېقىندا، مەھەللىدىكى «ئارزۇ تېمى»غا لىق چاپلانغان ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى ۋە قەلب ساداسىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، شىخو شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئازادلىق يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما ۋېن ئۇلارنى بىر - بىرلەپ خاتىرىلىۋالدى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئۇتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، <خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش> ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش كېرەك» دېدى ما ۋېن.

«بىز بىرقانچە ياشانغان ئاچا - سىڭىل ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىمىز، بىر مەيدان تېپىپ ناخشا مەشىق قىلىشنى ئويلايمىز» «مەھەللىنىڭ خەتتاتلىق كۇرسى ئېچىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بىرەر ماھارەت ئۆگەنگۈم بار»... 2021 - يىلى 1 - ئايدا مەھەللىگە يېڭى كەلگەندە ئاھالىلەرنىڭ مۇشۇنداق كىچىككىنە ئارزۇلىرىنى كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ، ما ۋېن مۇنداق دېدى: ئازادلىق يولى مەھەللىسى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە، ئاھالىلەر كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق ئىدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ما ۋېن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرىنى باشلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، تۈرگە ئايرىپ، ياشانغانلار خور ئۆمىكى، تەيجى گۇمپىسى ئالماشتۇرۇش ئائىلىسى، چىپاۋ ئەترىتى، ۋاسكېتبول كوماندىسى قاتارلىق 15 مەدەنىيەت - تەنتەربىيە قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇردى. «ئىش بېجىرىش بازىسىنى كىچىكلىتىش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى زورايتىش» پىرىنسىپى بويىچە، 2000 كىۋادرات مېتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنى ئۆزگەرتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ رېپېتىتسىيە قىلىشىغا ئىشلەتتى. تەۋەلىك رايوندىكى شىخو شەھەرلىك 3 - باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، «توبشۇر» كۇرۇژۇكى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى قەرەللىك دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە ھەۋىسىنى يېتىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، «لۈيېجوۋ» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، قاتناشتا يول كۆرسىتىش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، «كىچىك ئارزۇنى يورۇتۇش . مەھەللىدە ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇردى.

«مەن ئاھالىلەر بىلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە بىللە بولىمەن، تۇغقان بولمىساقمۇ تۇغقاندەك يېقىن ئۆتىمىز. كېيىنكى قەدەمدە، بىز پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خوجىلىق مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، <ئاقىل ئولتۇراق رايون>نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بەختلىك مەھەللە بەرپا قىلىمىز» دېدى ما ۋېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.