تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە كاپالىتى يېڭى ئېگىزلىكىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىمىز

شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى:

​دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە كاپالىتى يېڭى ئېگىزلىكىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

«بىز چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، پائال ئىزدىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئىدىيە ۋە تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى دېيىلىدۇ) پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنبىن.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، ئەسلىي تېكىستنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، توردا يېتەكچىلىك قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دوكلاتنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى، چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈردى ھەم خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھەرقايسى تەرەپلەردە ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىش - مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سۇ ئېلېكتىرىنى ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يادرو ئېلېكتىرىنى پائال، بىخەتەر، تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.» جاڭ جيەنبىن مۇنداق دېدى: بۇ، ئېنېرگىيە رايونلىرىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشتە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئىرادىدىن قايتماي، تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى» «دۆلەتنىڭ ئايلانما ئۆزگەرتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىدا سىناق قىلىش باغچە رايونى» «دۆلەتنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» قاتارلىق ناملار بېرىلدى. شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشى سىجىل ئەلالاشتى، پۈتۈن يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 200 مىليون توننىغا يېقىنلاشتى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون توننا ھەم ئۇنىڭدىن ئاشىدىغان چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كان ئالتىگە يەتتى. ئىلگىرىكى نوقۇل ھالدا ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، خاسلىقى گەۋدىلىك بولغان كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، كۆمۈردىن پاكىز يېقىلغۇ ياساشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ئەۋزەل تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى. كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى نىسبىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي يالپاقلاش شىنجاڭدىكى كەسىپ بوشلۇقىنى تولدۇردى، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

جاڭ جيەنبىن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئېنېرگىيە خىزمىتىگە قارىتا چىقىرىلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، كېيىنكى قەدەمدە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چۆرىدەپ، بىر قولدا كۆمۈرچىلىك كەسپىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تۇتۇش، بىر قولدا يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كەسىپ ئېكولوگىيە چەمبىرىكى» قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەۋزەل كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆزئارا تىرەك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە كاپالىتى يېڭى ئېگىزلىكىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.