تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، قىزغىن كەيپىيات يارىتىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيمىز

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى:​

قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، قىزغىن كەيپىيات يارىتىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە كەڭ كۆلەمدە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىر خىل، بىر يۆنىلىشتە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشتىن تەدرىجىي ھالدا ھەمتۈرتكە شەكلى، مۇلازىمەت شەكلى، نەق مەيدان كۆرۈنۈش شەكلىدە قانۇننى ھەر تەرەپلىمە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۆتۈپ، خاسلىققا ئىگە، پەرقلىق، دەل جايىدا بولغان پۈتۈن جەريانلىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنچىللىققا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا قانۇنچىللىقنىڭ ئىللىقلىقى ۋە كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمىز» دېدى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ ۋېيپىڭ.

قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۇللۇق خىزمەت. يېقىنقى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگەندى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، قىزغىن كەيپىيات يارىتىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، بارلىق خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەيمىز.

«بىز قانۇن تەشۋىقاتى خىزمىتىدە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىمىز.» جاڭ ۋېيپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىدە يەنىلا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت، «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چەكلەش مېخانىزمى كەمچىل، قانۇنچىللىق تەشۋىقات مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش يەنىلا پۇختا ئەمەس، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇننى سۆزلەش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تايانچ قوشۇنىنىڭ كۈچى يېتەرسىز، ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدا تېخى تەڭپۇڭلۇق شەكىللەنمىدى، ئامما ياقتۇرىدىغان تەشۋىقات شەكىللىرىنى يەنىمۇ قېزىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ مەسىلىلەر ھەم يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ھەم يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. «بىز ھەربىر مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىش داۋامىدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك» دېدى جاڭ ۋېيپىڭ.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز رەھبىرىي كادىرلار بىلىشكە تېگىشلىك قانۇن - نىزام تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشتىكى نەمۇنىچى، قانۇن ئۆگىنىشتىكى نەمۇنىچى، قانۇنغا رىئايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى، قانۇندىن پايدىلىنىشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش»قا مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش دوكلاتىنى باھالاش خىزمىتىگە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار مەسئۇل بولىدىغان، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرلىكتە تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان «كەڭ كۆلەمدە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش» ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ يېزا - كەنتلەردىكى «قانۇن ئاقىللىرى»نى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل چىڭ تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «قانۇنچىللىق دەرسخانىسى. ھەر ئاينىڭ 9 -، 19 -، 29 - كۈنلىرى جەزمەن سۆزلەش» بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى دائىملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنى قاپلاش شەكلىدىكى، سەييارە شەكلىدىكى، ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى «قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى بويىچە ئاساسىي قاتلامغا سەپەر» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەيدۇ.

جاڭ ۋېيپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى خىزمىتىدە ئۈچ جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ: «ئاممىغا يېقىن» تەشۋىقات تىلىنى ياخشى مەشىق قىلىپ، «قانۇن تىلى»نىڭ ئىپادىلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، چۈشىنىش تەس بولغان قانۇن - نىزام، ھۆكۈم - كېسىم ھۆججەتلىرى، كەسپىي ئاتالغۇلارنى چۈشىنىشلىك، ئاددىي بولغان ئامما تىلىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ «قىزغىن كەيپىيات يارىتىدىغان» تەشۋىقات مەزمۇنلىرىنى بېيىتىپ، ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «كىچىك نۇقتا» ئارقىلىق «چوڭ قىيىن مەسىلە»نى ھەل قىلىپ، «كىچىك سۆز تېمىسى» ئارقىلىق «چوڭ خەلق تۇرمۇشى»نى چۈشەندۈرۈپ، «كىچىك ھېكايە» ئارقىلىق «چوڭ داۋلى»نى ئېنىق سۆزلەپ، چۈشىنىش تەس بولغان قانۇن ماددىلىرىنى مېغىزلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ؛ «قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان» تەشۋىقات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى تورغا، بىۋاسىتە تارقىتىش ئۆيىگە كۆچۈرۈپ كىرىپ، تۈرلۈك تور سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان دەرسخانا» بەرپا قىلىپ، ۋاقىت - بوشلۇق توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، خەلق ئاممىسىنى خۇشاللىق بىلەن ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.