تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خارابى كەنتىنىڭ «تۆگە پىلانى»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

باش قىش كۈنلىرىدىكى سەھەر، تاڭ ئەمدىلا يورۇغانىدى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال بازىرىنىڭ خارابى كەنتىدىكى تۆگە باققۇچى ئارغىن ئارىپ باقمىچىلىق قوتىنىغا كېلىپ ئالدىراش ئىشىنى باشلىدى.

يەم - خەشەك ئۆيى قوتاننىڭ بىر بۇلۇڭىدا بولۇپ، بۇ يەرگە قوناق سىلوسى، بېدە قاتارلىق ھەرخىل يەم - خەشەك دۆۋىلەپ قويۇلغانىدى. كۇنۇپكىنى بېسىشى بىلەن تەڭ بىر تەرەپتىكى يانجىش ماشىنىسى، ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسى قوزغالدى. تۆگىلەرگە يەم بېرىش، قوتاننى تازىلاش... دېگەندەك ئاساسىي ئىشلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئارغىن دېزىنفېكسىيەلەنگەن سۈت سېغىش ئۈسكۈنىسى بىلەن تۆگىلەرنى سېغىشقا باشلىدى.

ئارغىن ئائىلىسىنىڭ 300گە يېقىن تۆگىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە، سۈت تۆگىسىدىن 70 نەچچىسى بار بولۇپ، كۈنىگە 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق سۈت ساغقىلى بولىدۇ، تۆگە سۈتىدىنلا كۈنىگە 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە ئەتراپتىكى بىرنەچچە ئائىلىلىك چارۋىچىنى تۆگىلىرىنى ھاۋالىلىك بېقىپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«ئىلگىرى بىرەر 100دەك قوي باقاتتىم، ئۆزۈم يالغۇز بىر كۈن كەچكىچە يېتىشەلمەيلا قالاتتىم. شۇ يىللاردىكى سەۋىيە بويىچە ھازىر بېقىۋاتقان تۆگىلىرىم ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ سەككىزدىن ئونغىچە ئادەم كېتەتتى، ھالبۇكى، ھازىر ئىككى ئۈچ ئادەم بولسىلا بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، بۇ ئىلمىي باقمىچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى» دېدى ئارغىن.

ئىلگىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى كەمچىل ھەم بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولمىغان ئارغۇن ئىزچىل كەنتتە باشقىلارنىڭ چارۋىسىنى بېقىپ كەلگەچكە كەنتتىكى نامرات ئائىلە ھېسابلىناتتى. ئۇ تۆگە بېقىش سەۋەبىدىن ئائىلە ئەھۋالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئارغىن ئىلگىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۆگە سۈتىنىڭ تۆگە سۈت پاراشوكى، ھەتتا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، گىرىم بۇيۇملىرىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى...

«ئىلگىرى، نۇرغۇن چارۋىچى تۆگە باقىدىغان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە تۆگە يۇڭى ۋە تۆگە گۆشى سېتىشنى ئاساس قىلاتتى، بۇنىڭدىن يارىتىلىدىغان ئۈنۈمنىڭ دەۋرىيلىكى، پايدا ئېلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولغاچقا، چارۋىچىلارنىڭ تۆگە بېقىش ئاكتىپلىقىغا تەسىر يېتىپ، باقىدىغان تۆگە سانى ئازىيىپ كەتكەنىدى» دېدى خارابى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېرجان قوڭقاي.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشنى قارار قىلىپ، تۆگە سۈتى پىششىقلاشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ تۆگە سۈتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىشنى زورايتىشىغا مەدەت بېرىش بىلەن بىللە، ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تېزدىن يولغا قويدى. ھۆكۈمەت كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ «كارخانىلارنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىش» ماركىسىنى يارىتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تۆگىچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش - تەتقىق قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تىجارەت ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

خارابى كەنتىگە 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تۆگە سۈتى پىششىقلاش سېخىدا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، سۇيۇق ھالەتتىكى تۆگە سۈتى، تۆگە سۈتى پاراشوكى، تۆگە سۈتى كەمپۈتى، تۆگە سۈتى سوپۇنى قاتارلىق ھەر خىل سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى، پىششىقلىنىۋاتاتتى، ئوراپ قاچىلىنىۋاتاتتى. ۋاڭيۈەن گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىركىتىمىز سېتىۋالغان يېڭى تۆگە سۈتى مىقدارىنىڭ 6500 توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 كۆپ بولۇپ، 720 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ئارغىن كەنتتىكى تۆگە باقمچىلىقى چوڭ ئائىلىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ۋاڭيۈەن گۇرۇھىدا سۈت توشۇغۇچى بولدى. ئۇ كەنتتىكى تۆگە سۈتى، تۆگە تىۋىتىنىڭ زاۋۇتقا كىرگەندىن كېيىن، تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرى، تۆگە تىۋىتى مەھسۇلاتلىرىغا ئايلىنىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەن - تېخنىكا بىلەن بازارنىڭ غايەت زور كۈچىدىن ھاياجانلاندى.

يەنىلا ئوخشاش تۆگە بېقىش بولسىمۇ، ئەمما چارۋىچىلار ئىلگىرى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان تۇرمۇشقا ئېرىشتى. ھەر كىلوگىرام تۆگە سۈتىنىڭ سېتىلىش باھاسى بىرنەچچە يۈەندىن نەچچە ئون يۈەنگە ئۆرلىدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد قولىدىن قامچا چۈشمەيدىغان چارۋىچىلار كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتناشتى ھەم بېيىش يولىدا تېز ئىلگىرىلىدى.

2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە مۇنداق بىر يېڭى ئىش يۈزبەردى: تۆگە باقىدىغان 490 چارۋىچى ئائىلىسى ئۆزلۈكىدىن 1 مىليون 260 مىڭ يۈەن ئىئانە توپلاپ، شۇ جايدىكى تۆگە سۈتى پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى.

«كارخانىلار بىزنىڭ بېيىشىمىزغا يۆلەك بولدى، بىز كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۆپرەك تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، بىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» ئارغىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى چارۋىچىلارنىڭ تۆگە بېقىشقا پۇلى يوق ئىدى، كارخانىلار بىزنى ئۆسۈمسىز قەرز بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ پۇلى بار بولدى، كارخانىلارنى نېمە ئۈچۈن قوللىمايمىز؟ پەقەت ئورتاق تەرەققىي قىلغاندىلا، يولىمىز ماڭغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

«ئادەملەر يەنىلا شۇ ئادەملەر، بىراق پەن - تېخنىكا ۋە بازارنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەممە ئىشلاردا زور ئۆزگىرىش بولدى.» ئېرجان مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، چارۋىچىلار چارۋىچىلىقنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەر خىل تىجارەت تۈرلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا باشلىدى.

ئارغىن ناھىيە بازىرىدىكى تۆگە بازىرىدىن 190 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش تاۋار ئۆي سېتىۋالدى، ئۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ يەرگە ئەكىلىۋېلىشنى ئويلاشتى، ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ ناھىيە بازىرىدا بىر ئۆزگىچە تائاملار ئاشخانىسى ئېچىشقا تەييارلاندى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بېيىش يولىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئېرجان ناھايىتى ئىلھاملاندى. «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، بىزگە داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتىمىز «تۆگە پىلانى»نى تۈزۈپ چىقتى، نۆۋەتتە 1200 تۇياق تۆگىمىز بار، كېلەر يىلى تۆگە باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يەنە 300 تۇياق تۆگە كىرگۈزۈپ، تۆگە كەسپىنى زورايتىشنى، كۈچەيتىشنى پىلانلىدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.